باش بەت>ساغلاملىق

مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى كېسەللىكىنىڭ بېشارەتلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-05 16:42:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


باش ئاغرىش. باش ئاغرىش مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى ئاغرىقلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى. باش ئاغرىقى ئادەتتە سەھەر سائەت تۆت، بەش ئارىلىقىدا كۆرۈلىدۇ، بەزى ئاغرىقلار باش ئاغرىغاندا تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىك ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن باش ئاغرىقى ئاستا–ئاستا پەسىيىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ۋە جىددىي ھەرىكەت قىلىش باش سۆڭىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇپ باش ئاغرىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش. قان تومۇر ئۆسمە كېسەللىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش سۆڭىكىنىڭ بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى كۆز ئالمىسىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كۆزنىڭ كۆرۈش ھۈجەيرىسىگە زىيان سېلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە غەيرىي كۆز كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، قوش كۆرۈش، يانتۇ كۆرۈش، كۆرۈش دائىرىسى زىيانغا ئۇچراش ياكى بىر تەرەپتىكى كۆز ئالمىسى گەۋدىلىك بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۆسمە تۈپەيلىدىن كۆرۈش نېرۋىسى بېسىلغان بولسا، ئاغرىقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تۇيۇقسىز چېكىنىشى، ھەتتا كۆرمەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش. كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش كېسەللىك ئالامىتى سەھەردە ئاچ قورساق ۋاقتىدا كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قەي قىلىش خاراكتېرلىك ياندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، دائىم جىددىي باش ئاغرىش ۋە باش قېيىشتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ.

ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش. يول ماڭغاندا تۈز ماڭالماسلىق مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى. بىزگە مەلۇمكى چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى ئادەمنىڭ تىلى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىق ئىقتىدارىنى كونترول قىلىدۇ، قان تومۇر ئۆسمىسى ھەرىكەت ياكى سەزگۈنى كونترول قىلىدىغان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، يول ماڭغاندا تۈز ماڭالماسلىق ۋە ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا يەنە پۇت – قولنىڭ كالۋالىشىشى ۋە سۆزلىگەندە ئېنىق سۆزلىيەلمەسلىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

روھىي جەھەتتە نورمالسىزلىشىش. مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ قىسمەن كەيپىيات پائالىيىتى چوڭ مېڭىدىكى پېشانە ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ قىسمەن كونترول قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، بىراق بۇ قىسىمنىڭ مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى پېشانە ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ روھىي پائالىيىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ھاياجانلىنىش، ئالدىراقسانلىق ۋە قايغۇرۇش قاتارلىق روھىي جەھەتتىكى نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئۆز ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، يوشۇرۇن كېسەللىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(مۇھەممەت تۇراپ تەرجىمىسى)