باش بەت>ساغلاملىق

بالىڭىزنى رېنتىگېن نۇرىدا كۆپ تەكشۈرتمەڭ

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-07 12:12:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، دائىم زۇكامداش، قىزىش، يۆتىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئىمكانقەدەر بوۋاقلارنى رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتمەسلىك لازىم. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەربىر قېتىم رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتكەندە، نۇر زەررىچىلىرىنىڭ بالىلارغا بولغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا تەكشۈرتۈش كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلارنى رېنتىگېنغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى»