باش بەت>ساغلاملىق

مېتالدىن بۇلغىنىشنىڭ زىيىنى

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-10 11:19:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

 

مېتاللارنىڭ مۇھىتقا تارقىلىش يوللىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەڭ ئاساسلىقى يېقىلغۇنىڭ كۆيۈشىدىن تارقىلىدۇ. مەسىلەن: ھەر توننا كۆمۈر ئىسىنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن ئون كىلوگىرام سىترونتسىي، ۋانادىي، سىنك ۋە گېرمانىي بولىدۇ؛ نېفىت كۈلىدىكى ۋانادىينىڭ مىقدارى 65 كە يېتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادا ھازىرغىچە 235 مىليارد توننا كۆمۈر، 80 مىليارد توننا نېفىت كۆيدۈرۈلگەن بولۇپ، نەچچە مىليون توننا مېتال ئىس - تۈتەك ۋە كۈل بىلەن بىللە مۇھىتقا تارقىلىپ كەتكەن.

زامانىۋى شەھەرلەردە ئاپتوموبىل ناھايىتى كۆپ. ھازىر دۇنيادا 700 مىليونغا يېقىن ئاپتوموبىل بار، بۇ ئاپتوموبىللار ھەر يىلى ئاتموسفېراغا تەخمىنەن 800 مىڭ توننا قوغۇشۇن قويۇپ بېرىدۇ.

قوغۇشۇن بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، نېرۋا، قان ئىشلەش، ھەزىم قىلىش ۋە بۆرەك قاتارلىق سىستېمىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە نېرۋىلارنىڭ ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، ھېموگلوبىن (قان قىزىل ئاقسىلى)نىڭ بىرىكىشىنى چەكلەپ قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۆڭەك ئىقتىدارى ۋە سۆڭەك مېتابولىزمىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش ئاستىلايدۇ.

سىمابنىڭ زىيىنىغا كەلسەك، سىماب ۋە سىماب بىرىكمىلىرى نەپەس يولى، تېرە ياكى ھەزىم قىلىش يوللىرى ئارقىلىق ئادەم تېنىگە كىرىدۇ. سىمابتىن زەھەرلىنىش مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە بۆرەككە زىيانلىق بولغاندىن سىرت يەنە نەپەس سىستېمىسى، تېرە، قان ۋە كۆزگىمۇ بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ.

ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى