باش بەت>ساغلاملىق

ئەتىيازدا بوۋىقىڭىزنى ئاپتاپسىندۇرغاندا...

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-25 17:22:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنى ئاپتاپسىندۇرۇشقا ئالدىرايدۇ، بوۋاقلار ئاپتاپسىندۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ كالتىسىي تولۇقلىشىغا پايدىلىق. لېكىن نۇرغۇن بوۋاق ئاپتاپسىندۇرۇلۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن، بۇرنى قىچىشىدىغان، چۈشكۈرىدىغان، كۆزى قىزىرىپ قالىدىغان، كۆزى ۋە تېرىسى قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، تېرە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما شياۋلىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئەتىيازدا تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيەسى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئەتىياز ئاپتىپى ياز ئاپتىپىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنى سىرىتقا ئېلىپ چىققاندا، بوۋاق تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشى ھەمدە ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بوۋاقلار تېرىسىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، بالىغا نەملەشتۈرگۈچى دورا سۈركەپ قويۇش، ئاندىن كۆپرەك ئۇسسۇزلۇق بېرىش، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يۈز مېيى سۈركەپ قويۇش كېرەك.

بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن»