باش بەت>ساغلاملىق

قەۋزىيەت ئاياللارنى ئاسان قېرىتىۋېتىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-16 12:58:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

قەۋزىيەت ئاياللارنىڭ بەدىنىدە توكسىننى كۆپەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، ئىچكى ئاجراتما تەرتىپسىزلىشىدۇ، مىكرو ئېلېمېنتلار تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ. نەتىجىدە تېرە قارىدايدۇ، قىچىشىدۇ، يۈز تېرىسى سەتلىشىدۇ، چاچ قۇرغاقلىشىدۇ، سېرىق داغ چۈشىدۇ، دانىخورەك ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېنىك دەرىجىدىكى قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، روھى چۈشكۈنلىشىش، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش دېگەندەكلەر. ئەگەر بەك ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە، كەم قانلىق، يېتىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم كۈچەپ تەرەت قىلىۋەرگەندە، گېمورۇي بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرىلايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قەۋزىيەت ئەمچەك توقۇلمىلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىپ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %5، ھەپتىدە ئىككى قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %25 بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەۋزىيەت بولغاندا توكسىن يىغىلىپ قېلىپ، قانغا كىرىدۇ ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋېلىپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ماددا ئالمىشىشنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئاسانلا قېرىپ كېتىدۇ.