باش بەت>ساغلاملىق

بۇرۇننىڭ قىچىشىشى راكنىڭ بېشارىتى ئىكەن

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-22 17:45:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


ئىگىلىنىشىچە، كۆپلىگەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئېغىرلاشقاندا تېرىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن. تېرىدىكى قىچىشىش، قىزىل داغ، قارىداش، قېلىنلاش قاتارلىق ئەھۋاللار راكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئالامەتلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۆسمە كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تېرە كېسەللىكلىرى بىر قىسىم يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بەلگىسى ئىكەن، شۇڭا، سەۋەبسىز پەيدا بولغان تېرە كېسەللىكلىرىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىق، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە، تېرىنىڭ قىچىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال، ئەمما سەۋەبسىزلا ئۇزاق ۋاقىت قىچىشسا ئۆسمە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مەسىلەن، بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ غەلىتە قىچىشىشى مېڭە ئۆسمىسىنىڭ، مەقئەت يولىنىڭ قىچىشىشى تۈز ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، تۈز ئۈچەي ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %50 ىدە تېرىسى قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن؛ كۆپىيىش ئەزاسى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %25 ىدە كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرە قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن.

سۇلۇق قاپارتما تېرە كېسىلىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامىتى، ئەمما بۇ بەزى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %12 ىدە بەلباغسىمان قوقاق قاتارلىق تېرەك كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدىكەن.

(«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى)