باش بەت>ساغلاملىق

ھامىلىدارلارنى ئۈچ ئۆلچەملىك، تۆت ئۆلچەملىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرتۈش زۆرۈرمۇ ؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-10 13:14:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


ئۈچ ئۆلچەملىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش دېگىنىمىز، ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، يەنى ھامىلە 22 ھەپتىدىن 26 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، ھامىلىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك، تۆت ئۆلچەملىك دېگىنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم. ئالدىنقىسى تۇغۇتتىن ئىلگىرى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكىسى تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشىدىكى سۈرەت ھاسىل قىلىدىغان ئۇسۇل، بۇنى كۆپىنچە ھامىلىدارلار ئايرىيالمايدۇ.

بىر قىسىم داۋالاش ئورۇنلىرىدا ھامىلىدارلارغا تۆت ئۆلچەملىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ ھەمدە بۇنى ئىككى ئۆلچەملىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشتىن ئېنىق ھەم دائىرىسى كەڭ، دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇ خاتا ئۇقۇم.

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى كۆرۈش بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى ئۆلچەملىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش بىلەن تاماملىنىدۇ، ئۈچ ئۆلچەملىك، تۆت ئۆلچەملىك پەقەت ئىككى ئۆلچەملىكنى تولۇقلايدۇ. ئۇ ھامىلىنىڭ ئىستېرېئولۇق ھالىتىنى كۆرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە ئىككى ئۆلچەملىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشتە مەسىلە بايقالغاندا، ھامىلىدارلار ئۈچ ئۆلچەملىك بىلەن تۆت ئۆلچەملىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتسە بولىدۇ.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن