باش بەت>ساغلاملىق

مۈرە بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشقا پايدىلىق بىر قانچە ئاددىي ئۇسۇللار

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-08 13:39:00 مەنبە:«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


ئەمەلىيەت ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇلنىڭ مۈرە بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە پايدىسى بارلىقى ئىسپاتلاندى .

1. خام زەنجىۋىلدىن 100-1500گىرامغىچە ئېلىپ، ئۇششاق چاناپ ئازراق قورۇپ لاتىغا ئورايمىز. ئاندىن ئاغرىغان ئورۇنغا قويۇپ ئۈستىگە دەزمال ياكى باشقا قىززىق نەرسىلەرنى قويىمىز. بۇنى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ. لېكىن، چوقۇم كۆيۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم .

2. قوي گۆشى، كاۋاۋىچىن، خام زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى قاينىتىپ، شورپىسىنى كۈندە ئىككى قېتىم، ئۇدا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئاغرىق يەڭگىللەيدۇ.                      

3. چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن مۈرە قىسمىنى ئۈچ مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە پۈۋىلەپ بەرسە ئاغرىق يەڭگىللەيدۇ .                                    

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن