باش بەت>ساغلاملىق

تىرناق ياسىتىشنىڭ زىيىنى كۆپ

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 20:38:00 مەنبە: مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر


تىرناق ياسىغاندا تىرناقنىڭ سىرتقى قەۋىتى قىرىپ تاشلىنىدۇ، بۇ تىرناقنى زەخىملەندۈرگەنگە باراۋەر. تىرناقنى دائىم ياسىتىش تىرناقنىڭ ساغلاملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، بەدەنگىمۇ زىيانلىق. تىرناقنى دائىم ياساتقاندا تىرناق ئەتراپىدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھەر قېتىم تىرناق لاكى سۈرتكەن ياكى تىرناقنى ياساتقاندىن كېيىن، تىرناقنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، تىرناق ئاسانلا باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ ھەمدە تۈرلۈك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرناق لاكى تەركىبىدىكى فتالات ئىستېر، فلۇئورېسسېنسىيە رىئاكتىۋى قاتارلىقلارنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىمۇ بىرقەدەر چوڭ.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى