باش بەت>ساغلاملىق

زىققا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار پەسىل ئالماشقاندا ئۆزىنى كۈتۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-21 20:14:00 مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


باش كۈز سالقىن مەزگىل، ئەمما كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمېپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن، زىققا كېسەللىكى ئاسانلا قوزغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر باش كۈزدە كانا تىپىدىكى قۇرتلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆينى كۆپرەك تازىلاپ، قىشلىق كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت، كۈز كىرگەندىن كېيىن، تەبىئىتى مۆتىدىل ھەمدە قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئۆپكىنى ياشارتىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى يېيىش، نەشپۈت، شېكەر قومۇشى، بانان قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. مۇچ، سامساق، پىياز، كۈدە قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن