باش بەت>ساغلاملىق

بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ بېشارەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 11:13:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ بېشارەتلىرى:

 .1بىر نەرسىگە قارىغاندا كۆزىنى يېنىك يۇمۇۋېلىش؛

 .2بىر نەرسىگە قارىغاندا بېشىنى قىڭغىر تۇتۇش؛

 .3كۆزىنى كۆپ چىمچىقلىتىش؛

 .4كۆزىنى كۆپ ئۇۋۇلاش؛

 .5نەرسىلەرگە يانتۇ قاراش؛

 .6قوشۇمىسىنى تۈرۈۋېلىش.

 ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى:

 .1توغرا بولغان كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، خەت يازغاندا ئۈستەلگە يېتىۋالماسلىق كېرەك.

30 .2مىنۇتتىن 40 مىنۇتقىچە كىتاب ئوقۇغان ياكى خەت يازغاندا چوقۇم 10 مىنۇت ئارام ئېلىپ، يىراققا ۋە يېشىللىقلارغا قاراپ بېرىشى كېرەك.

 .3كىتاب ئوقۇغان ياكى خەت يازغاندا كۈن نۇرى مۇۋاپىق بولۇش، يورۇقلۇق چوقۇم سول تەرەپتىن چۈشۈش، بەك يورۇق ياكى بەك قاراڭغۇ يەردە كىتاب ئوقۇماسلىق، خەت يازماسلىق كېرەك.

 .4كۈندە ئاز بولغاندىمۇ بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

 .5خەتنى بەكلا زىچ، كىچىك يازماسلىق كېرەك.

 .6كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلەپ بېرىش كېرەك.

 .7تېلېۋىزور كۆرگەندە كۆرۈش ئارىلىقىغا دىققەت قىلىش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن 40 مىنۇتقىچە بولغاندا كۆزنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

 .8سىنك مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن