باش بەت>ساغلاملىق

بالىلار زۇكامداپ ھالسىرىسا...

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:05:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلار كۆپەيمەكتە. ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ئادەتتە زۇكامدىن ساقىيىپ ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا كۆپىنچە ھودۇقۇش، ھالسىراش، مەيدىسى چىڭقىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك قالايمىقان ياكى ئاستا سوقۇش، ھەتتا بەزىدە يۈرىكى مەزگىللىك توختاپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بالىلاردا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بالىلار ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

دەسلەپكى مەزگىللىك يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ئادەتتە ياخشى ئارام ئېلىش، قۇۋۋەت تولۇقلاش ۋە دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ساقىيىپ كېتىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى ھۈجەيرىسى ئۈچ ئاي ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەمما ۋاقتىدا داۋالىمىسا ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ساقايماي، سوزۇلما يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ، يۈرەك تەدرىجىي يوغىناپ كېتىدۇ-دە، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك مۇسكۇلى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى ۋاقتىدا بايقاش ھەم داۋالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئارام ئېلىش بۇ كېسەلنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى «دورا»، ئاتا-ئانىلار كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىنى ئېغىر ھەرىكەتتىن توسۇشى كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن