باش بەت>ساغلاملىق

گۈرۈچ كۆزنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-19 17:09:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

جۇڭگو تېبابىتىدە گۈرۈچ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق زىرائەت بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى قۇۋۋەتلەپ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، سۈيدۈك ئاجرىتىشقا پايدىلىق، دەپ قارىلىدۇ، ئاساسلىقى ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، دېيىلىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن قارىغاندا، گۈرۈچ تەركىبىدە ئاقسىل، كاروتىن، لىئۇلىتىن پىگمېنتى، زېئاكسانتىن، فوسفور، ماگنىي، كالىي، سىنىك قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى بار.

قېرىلىق سېرىق دېغى بولسا كۆز قېرىشتىن كېلىپ چىققان كېسەل بولۇپ، ئېغىرلاشقاندا كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، لىئۇلىتىن پىگمېنتى، زېئاكسانتىن قاتارلىقلار قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ مىقداردا لىئۇلىتىن پىگمېنتى، زېئاكسانتىن ئىستېمال قىلغاندا قېرىلىق دېغى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كېسەلنى %43 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، دەرۋەقە گۈرۈچ تەركىبىدە بۇ ئىككى خىل ماددا ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ گۈرۈچ سېرىق ماددىسىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول. شۇڭا گۈرۈچ كۆزنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، گۈرۈچ تەركىبىدە يەنە كاروتىن، لىئۇتىن پىگمېنتى، گۈرۈچ سېرىق ماددىسى ۋە ياغدا ئېرىگۈچى ۋىتامىن قاتارلىقلار ئىنتايىن مول، شۇڭا بىز گۈرۈچ تامىقى ئەتكەندە ياغ قوشۇپ پىشۇرساق گۈرۈچتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.