باش بەت>ساغلاملىق

مۇزىكا ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلامدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-29 15:38:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى مۇزىكىنىڭ چوڭ مېڭىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ئىسپات: مۇزارت ئېففېكتى راست ئىكەن

  كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاش بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ، بۇ بايقاش ئوبرازلىق قىلىپ «مۇزارت ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىدۇ. 1993-يىلى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالە كىشىلەرنى «مۇزارت ئېففېكتى» ئۇقۇمىغا باشلاپ كىرگەن. پىسخولوگ فرانسىس روچ 36 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قارىتا تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسمىغا ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش مەسىلىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال مۇزارتنىڭ D كىچىك كۈي سوناتاسىنى ئون مىنۇت ئاڭلاتقان، قالغانلىرى تىنچلىقنى ساقلىغان، ئاخىرىدا قەغەز قىيىش سىنىقى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە مۇزارتنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشى كۆرۈنەرلىك تېز بولغان. ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا «مۇزارت ئېففېكتى»نى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولامدۇ؟

  يېقىندا ئېلىمىز ئالىملىرى بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئارقىلىق ھازىرغىچە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان «مۇزارت ئېففېكتى»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇزارتنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاش چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولۇپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى (نېۋرىنلار)نىڭ سانىنى ئاشۇرىدىكەن.

    مۇزىكا ئادەمنى قانداق ئەقىللىق قىلىدۇ؟

  ئەگەر ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنى بىر زاۋۇتقا ئوخشاتساق، مۇزىكا ئاڭلاش ۋە مۇزىكا چېلىش بۇ زاۋۇتقا نىسبەتەن بىر تۈرلۈك چوڭ قۇرۇلۇش بولۇپ، نۇرغۇن سېخلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. ئىلگىرى ئالىملار يادرو ماگنىتلىق رېزونانىس تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سازەندە (مۇزىكانت) لەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سېكاننېرلاش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ھەرقايسى مۇھىم رايونلىرىنىڭ مۇزىكىغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن: پىيانىنو تۈرىدىكى ئىككى قول بىلەن چالىدىغان چالغۇلاردا مۇزىكا چېلىش چوڭ مېڭىدىكى قاداق تەنچىنى غىدىقلاپ چېنىقتۇرىدىكەن، بۇ تەنچە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىكەن، ئەگەر بۇ قاداق تەنچە ئۇزاق مۇددەت غىدىقلىنىپ تۇرسا ئادەمنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدىكەن. ئادەمنىڭ مۇزىكا چالغان ياكى ئۇسسۇل ئوينىغان چاغدىكى ئىنكاسى چوڭ مېڭىدىكى ھەرىكەت پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلايدىكەن، ئادەتتە بۇ ئورۇن مەخسۇس ئادەمنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا مەسئۇل بولىدىغان سەقەنقۇر تەنچە، كەيپىياتنى كونترول قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغان بادام مېغىزى يادروسى، كۆرۈش سېزىمى ۋە ئىنكاسقا مەسئۇل بولىدىغان كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى قاتارلىقلارمۇ غىدىقلىنىدىكەن، بۇ ئورۇنلار مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە بىرلىكتە مەشغۇلات قىلىپ، ئۆزئارا ماسلىشىدىغان مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى پەيدا قىلىپ، مېڭە ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتكۈزىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇزىكا ئورۇنلىغاندا مەيلى تارلىق چالغۇلاردا بولسۇن، مەيلى پۈۋلەپ چالىدىغان چالغۇلاردا بولسۇن ياكى سوقما چالغۇلاردا بولسۇن ھەممىسىدىلا سول قولنىڭ ھەرىكىتى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، سول قولنىڭ ئىشلىتىلىشى چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ يېرىمىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى ساقلاش، يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئىككى قولنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىكەن.

    مۇزىكا بالىلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتىغا پايدىلىق

  ئالىملار مۇزىكا چېلىشنى ئۆگىنىشنى بۇرۇن باشلىغان مۇزىكانتلار بىلەن كېچىكىپ باشلىغان مۇزىكانتلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سۈرەتكە تارتىپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇزىكا چېلىشنى بۇرۇن باشلىغان مۇزىكانتلارنىڭ قاداق تەنچە (ئوڭ-سول مېڭىنى تۇتاشتۇرغۇچى تەنچە) ئاق ماددىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئاق ماددا رايونى چوڭ مېڭىدىكى «توك سىملىرى» توپلاشقان ئورۇنغا تەڭداش بولۇپ، چوڭ مېڭىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى نېۋرىنلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. يەنى ئاق ماددا قانچە كۆپ بولسا چوڭ مېڭىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشى تېخىمۇ كۆپ، ئالاقە تېخىمۇ راۋان ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، مۇزىكا ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئوڭ-سول مېڭە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، قاداق تەنچىنىڭ ئېشىشىنى 25 يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. بىراق مۇزىكا ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىلا ئاندىن بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

    مۇزىكا مېڭە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  ئادەم قېرىغاندا مېڭە ھەرىكىتى ئاستىلاپ ئىنكاسى قاشاڭلىشىپ قالىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ياش ۋاقتىدا مۇزىكا ئۆگىنىش چوڭ مېڭە ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، ئادەم قېرىغان چاغدىمۇ سەگەكلىكى يوقالمايدىكەن، يېشى چوڭىيىپ قالغاندا مۇزىكا ئۆگەنسىمۇ چوڭ مېڭىگە ناھايىتى پايدىلىق بولىدىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، دائىم مۇزىكا چېلىش كۆپ خىل سەزگۈ ئەزالىرىنى قوزغىتىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىدىكەن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭ مېڭە ئىقتىدارى تەبىئىي ھالدا چېكىنىدۇ، مۇزىكا چېلىش بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى ئاستىلىتىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

    مۇزىكا ئاڭلاش بوشلۇق ئانالىز ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

  مۇزىكا ئۆگىنىشنى خالىمايدىغانلار داۋاملىق مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسىمۇ چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولىدىكەن.

  بىرىنچىدىن، مۇزىكا ئاڭلاش بوشلۇق ئانالىز ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. مەسىلەن: ناھايىتى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇرەككەپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاپ قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىشكە ئوخشاش ئىشلاردا بوشلۇق ئۇچۇر تەسەۋۋۇرىغا ۋە ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا موھتاج بولىمىز. كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلانغان چېغىمىزدا چوڭ مېڭىمىز بوشلۇق ئۇچۇرلىرىنى بىرتەرەپ قىلىپ تۇرىدۇ-دە، تۇيۇپ-تۇيمايلا چېنىقىشقا ئېرىشىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، مۇزىكا ئاڭلاش − ئاڭلاش سەزگۈمىزنىڭ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. مۇزىكانتلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئاڭلىغان مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر ئادەتتىكى ئادەملەر بۇ ئىقتىدارلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، ئىمتىھان بېرىش، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلاش، ئەسلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.

    مۇزىكا سىزنىڭ ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ تېز ئورۇندىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ

«نېرۋا ئىلمىي ھەرىكىتى ۋە فىزىيولوگىيە قەرەللىك ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى ياكى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى قويغاندا، كىشىلەرنىڭ سۈرەت، ھەرپ ھەم رەقەملەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىدىكەن. بۇنداق ئۈنۈم ئاقما لىنىيە ئىشچىلىرىدىمۇ ئېنىق كۆرۈلىدىكەن. مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان ئىشچىلار خۇشال بولۇپ، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خاتالىق ئاز بولىدىكەن. شۇڭا سىز قايسى خىل مۇزىكىنى ياخشى كۆرۈشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، مۇزىكا ئاڭلىسىڭىزلا دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان زېرىكىشلىك ۋەزىپىلەرنىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايسىز ھەم تېز ئورۇنداپ بولىسىز.

لېكىن، ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئىش شۇكى، ئادەم مۇرەككەپ ھەم يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن چېغىدا تېخىمۇ كۆپ زېھنىي قۇۋۋەتكە ھەم دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە موھتاج بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغلاردا ئەڭ ياخشىسى مۇزىكا ئاڭلاشنى توختىتىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇزىكا كىشىلەرنىڭ يېڭى بىلىملەرنى بىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدىكەن.

(نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى)