باش بەت>ساغلاملىق

قىرتاق دورا ئىچكەندە...

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-09 19:38:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

كۆپىنچە ئادەملەر سۇيۇق دورا ئىچكەندە قىرتاق تەمىنى يوقىتىش ئۈچۈن، دورىغا ئازراق شېكەر قوشىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدىغىنىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى جۇڭيى تېبابىتىدە ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى دورىنىڭ رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: ئاچچىق دورىلارنىڭ ھۆللۈكنى ھەيدەش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تاتلىق دورىلارنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار. ئەگەر دورىغا شېكەر قوشۇپ ئىچسە، دورىنىڭ ئەسلىدىكى ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

دورا بەك قىرتاق بولسا، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن بەزى «تەم تەڭشىگۈچلەر»نى قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: بەزى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان دورىلارغا، چوڭ چىلان ۋە چۈچۈكبۇيا قوشۇپ ئىچسە، دورىنىڭ قىرتاق تەمى يوقىلىپلا قالماي، يەنە دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن دېڭىز يۇسۇنى، سۈتلۈك ئوت، كىرىمدانە قاتارلىقلار بار رېتسېپقا چۈچۈكبۇيا قوشۇشقا بولمايدۇ؛ سوۋۇتۇلغان سۇيۇق دورىلارغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، قىرتاق تەمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، لېكىن ئىچى سۈرگەن ۋە دىيابېت ئاغرىقلىرىغا بۇ ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ.

سۇيۇق دورىلارنى ئىچكەندە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دورا ئىچىشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا زەنجىۋىل شىرنىسى ئىچىۋەتسە بولىدۇ، يەنە دورا ئىچىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمىگەن تۈزۈك.

(«تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى»دىن)