باش بەت>ساغلاملىق

تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى قالايمىقان ئەملەتمەڭ

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 10:41:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ھەممە ئادەمنىڭ ئەملىتىشىگە باب كېلىۋەرمەيدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملەتمىگىنى ياخشى. كونترول قىلىنمىغان يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، بۆرەك زەئىپلىشىش، زىققا قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكى بار ياشانغانلار تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولمايدۇ؛ قىزىش، سانجىق، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولمايدۇ؛ تۇخۇم، تىئومېرسالات، گېنتامىتسىن سۇلفات رېئاكسىيە قىلىدىغانلار، ئىلگىرى پەسىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندە رېئاكسىيە قىلغانلار تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولمايدۇ.

ۋاكسىنا ئەملەتكەندە چوقۇم بەلگىلەنگەن ئەملەش نۇقتىسى ياكى داۋالاش ئورۇنلىرىدا ئەملىتىش كېرەك، ئۆز مەيلىچە ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ئەملەشكە ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى ۋاكسىنا ئەكس تەسىر كۆرسەتسە، جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغىلى بولمايدۇ.