باش بەت>ساغلاملىق

تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەشۋىقات بىلىملىرى

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-25 12:01:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

1. تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى دېگەن نېمە؟

تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى «سىل كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەننىڭ ھەرقانداق ئورنىدا پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆپكە قىسمىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى قايسىلار؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يۆتىلىش، ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق بەلغەم تۈكۈرۈش، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش، تۆۋەن قىزىتما، كېچىدە تەرلەش، چۈشتىن كېيىن قىزىتىش، كۆكرەك ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلار.

3. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى قانداق تارقىلىدۇ؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقىنىڭ يۆتىلىشى، بەلغەم تۈكۈرۈشى، چۈشكۈرۈشى ئارقىلىق تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى ھاۋاغا تارقىلىدۇ، ساغلام كىشىلەر تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى بار چاچراندىلارنى سۈمۈرگەن ھامان يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

4. تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك قوزغىلامدۇ؟

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم نوپۇس تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، تەخمىنەن %10 تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ھاياتلىقنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە تەرەققىي قىلىپ ھەرىكەتچان تۇبېركۇليۇز ئاغرىقىغا ئايلىنىدىكەن.

5. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمانلانغانلار قەيەرگە بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇشى كېرەك؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمانلانغاندا، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ۋاقتىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىشى، ھەرقايسى ناھىيەدىكى ئاھالىلەر شۇ جايدىكى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇشى كېرەك.

6. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىغا دىياگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى قايسى تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى ئاساسلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىدىن كۆكرەك قىسمىنى رېنتىگېن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش، بەلغەم سۇۋالما پرېپاراتى ۋە بەلغەم ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار بار.

(داۋامى كېيىنكى ساندا)