باش بەت>ساغلاملىق

تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەشۋىقات بىلىملىرى

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-26 12:35:00 مەنبە:قەشقەرگېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

(بېشى ئالدىنقى ساندا)

7. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاش مۇددىتى قانچىلىك؟

ئادەتتىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاشنىڭ تولۇق كۇرسى ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە، دورىغا چىداملىق ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاشنىڭ تولۇق كۇرسى 18 ئايدىن 24 ئايغىچە بولىدۇ.

8. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالايدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟

نۆۋەتتە، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تۇبېركۇليۇزغا قارشى دورىلار لىفۇپىڭ، رىمفون، ئېتامبۇتول، پىرازىنامىد قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

9. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟

دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە قېلىپلاشقان داۋالاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارنىمۇ قوغدىغىلى بولىدۇ.

10. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنىڭ قانداق خەۋپى بار؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، سالامەتلىك، خىزمەت، تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن.

11. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن يەنە باشقىلارغا يۇقامدۇ؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى بەلگىلەنگەن داۋالاش لايىھەسىگە ئاساسەن تولۇق كۇرسلۇق، قائىدىلىك داۋالانسا ھەمدە ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە بولغان داۋالىنىش كۇرسىنى تاماملاشتا چىڭ تۇرۇپ داۋالانسا، ساقايغاندىن كېيىن يۇقۇمچانلىقى بولمايدۇ.

12.ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ئېرسىيەت قالامدۇ؟

تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەمەس، تۇغۇت ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادقا يۇقمايدۇ. لېكىن ئۇ ھاۋادىكى چاچراندىلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئائىلە مۇھىتىدا باشقا ئائىلە ئەزالىرىغا ئاسانلا يۇقۇپ، بىر ئائىلىدە كۆپلىگەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

13. ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى بىلەن قويۇق ئۇچراشقۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى بىلەن بىللە تۇرىدىغانلار، بىر ئىشخانىدا خىزمەت، ئۆگىنىش قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى بىلەن قويۇق ئۇچراشقۇچىلار بولۇپ، تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ۋاقتىدا تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بويىچە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇشى كېرەك.

(داۋامى كېيىنكى ساندا)