باش بەت>ساغلاملىق

تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەشۋىقات بىلىملىرى

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-27 17:29:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

 (بېشى ئالدىنقى ساندا)

 14. قايسى كىشىلەر ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى كۆپ قوزغىلىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ؟

ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەر، ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، دىئابېت ئاغرىقلىرى قاتارلىق كىشىلەر ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى كۆپ قوزغىلىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمانلانسا دەرھال دىياگنوز قويدۇرۇشى ياكى ھەر يىلى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزغا قارىتا قەرەللىك تەكشۈرتۈشى كېرەك.

15. ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى تۇرمۇشتا، يۈرۈش-تۇرۇشتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟

(1)ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشى، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇنىنى توسۇۋېلىشى كېرەك؛

(2)ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىكى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بار قاپقاقلىق تۈكۈرۈك قاچىسىغا تۈكۈرۈشى، قولايسىز بولغاندا دېزىنفېكسىيەلەنگەن ھۆل لۆڭگە (تازىلىق قەغىزى) ياكى ھىم خالتىغا تۈكۈرۈشى ھەمدە كۆيدۈرۈۋېتىشى كېرەك؛

(3) ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى ئادەم زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنغا ئىمكانقەدەر بارماسلىقى، ئەگەر بېرىش زۆرۈر بولغاندا، ماسكا تاقىۋېلىشى كېرەك.

(4) ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى ئىمكانقەدەر باشقىلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشى، تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، كۈن نۇرىنىڭ يېتەرلىك چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛

(5) ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنى كۈچەيتىشى، سۈت تۈرىدىكى، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ئورۇق گۆش قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى، يەنە كۆكتات، مېۋە ۋە قارا ئاشلىق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك؛

(6) ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشى، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

16. ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنىڭ قاچا-قۇچىلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنىڭ قاچا-قۇچا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشتە دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار قاينىتىش، ئاپتاپقا سېلىپ دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇسۇللار ئاددىي، قولاي بولۇپ، كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا بولىدۇ ھەمدە باكتېرىيەنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. قايناقسۇدا بەش مىنۇت قاينىتىلغاندىن كېيىن تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى دەرھال ئۆلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئادەتتىكى قاچا-قۇچا قاتارلىقلارنى قاينىتىپ دېزىنفېكسىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىر قىسىم تاشلاندۇق بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش كېرەك. تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى كۈن نۇرىغا ئىنتايىن سەزگۈر، شۇڭا، بەزى كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە قاتارلىقلارنى كۈچلۈك كۈن نۇرىدا يېرىم كۈن ئاپتاپقا سالساق دېزىنفېكسىيەلەش مەقسىتىگە ئاساسەن يەتكىلى بولىدۇ.

17. ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى قانداق داۋالاش، پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىغا ئادەتتە دوختۇرخانىدا ياتقۇزماي قىسقا كۇرسلۇق خىمىيەلىك داۋالاشتەك داۋالاش، پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئاغرىقلار ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېزا-بازارلىق شىپاخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، كەنت داۋالاش ئۆيىدە تەسىس قىلىنغان مەركەزلىك دورا يېيىش نۇقتىسىدا، تېببىي خادىملارنىڭ كۆز ئالدىدا مەركەزلىك دورا يېيىش + قۇۋۋەت ناشتىلىق يېيىشتىن ئىبارەت پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، دىياگنوز قويۇلغان ھەمدە داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەرىكەتچان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرى ھەركۈنى 3.5 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان قۇۋۋەت ناشتىلىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(ماقالىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئورنى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن)