باش بەت>ساغلاملىق

كۆز خالتىسىنىڭ سالامەتلىككە بولغان بەش زىيىنى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-13 15:50:00 مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


كۆز خالتىسى ئادەمنى قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ، كۆز خالتىسى كىشىلەرنىڭ تاشقى گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا يەنە ساغلاملىققىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە كۆز خالتىسى تۆۋەندىكىدەك بەش خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1.كۆز تېلىپ ئاغرىش

كۆز خالتىسى ئاساسلىقى كۆز ئەتراپىدىكى قۇرۇلمىلارنىڭ بوشىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۈنەش، ئىرسىيەت، قېرىش قاتارلىق سەۋەبلەر كۆز خالتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆز خالتىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يوغىنايدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا كۆز خالتىسىنى يوقاتمىغاندا كۆز تېلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆز خالتىسى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ، كۆز خالتىسى زىيادە يوغىناپ كەتكەندە كۆز قىسمىغا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

3.قاپاق تېشىغا ئۆرۈلۈپ قېلىش

كۆز خالتىسى زىيادە يوغىناپ كەتكەندە كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەرنىڭ ئېلاستىنكىلىقى تۆۋەنلەپ تېرە ساڭگىلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە كۆز ئەتراپى تېرىسى پەسكە ساڭگىلاپ ئاقىۋەتتە قاپاق تېشىغا ئۆرۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

4.بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى

كۆز خالتىسى زىيادە يوغىناپ كەتكەندە قاپاق سىرتىغا ئۆرۈلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاقىۋەتتە كۆزنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ئۇزۇن ۋاقىت سىرتتا تۇرىدىغان بولغاچقا ياللۇغ پەيدا بولىدۇ، ياللۇغ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەندە كۆرۈش قۇۋۋىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

5.كۆزگە ئاق چۈشۈش

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ كۆز خالتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆز خالتىسى ئېغىرلاپ كېتىپ ۋاقتىدا داۋالاش قىلمىغاندا كۆزگە ئاق چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ، گەرچە بۇ خىلدىكى بىمارلار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەۋجۇت.

كۆز خالتىسىنى قانچە بۇرۇن داۋالاتسا شۇنچە ياخشى، شۇندىلا يۇقاردا دېيىلگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.