باش بەت>مائارىپ

ئوقۇتقۇچىلار، پات-پات كۇتۇبخانىنى يوقلاپ تۇرايلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-22 19:50:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


سۈرەتتە: ئۇستاز ۋە شاگىرت. (ئەخمەت مۇھەممەت فوتوسى)


ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ

     -ۋىيەي، ھەنىم بولسا  ئىشخانىدا باركەنلا، يوق بولۇپ قالسا نېمىش قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم،-ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ گەپ بىلەنلا ئىشخانامغا كىرىشى دىققىتىمنى بۆلدى.

     - ھە، كەلسىلە، مەن ئىشخانامدا بولماي نەگە كېتەتتىم، سىلىنى كىرىپ قالارمىكىن، دەپ ئولتۇرۇپ تۇرغان،-چاقچاق قىلدىم قولۇمدىكى قەلەمنى قويغاچ.

    - ۋىيەي، مەكتەپتە نېمىشقا مۇشۇنداق تايىنى يوق ئشلار تۇگىمەيدىغاندۇ،-سىلە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغاندىكىن نورۇزلۇق پائالىيەتتە نورۇزنى مەدھىيىلەپ بىر پارچە نەسىر ئوقۇسىلا،-دەيدۇ مۇدىر،-ئۆتكەنكى پائالىيەتتە سىلە يېزىپ بەرگەن نەسىرنى ئوقۇغان ئەمەسمۇ، شۇڭا مېنى نەسىر يازالايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى بۇلار، شۇڭا يانلىرىغا خىجىل بولۇپ كىرىۋاتىمەن، يەنە بىرەر تال بىر نەرسە...

ئىشىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇ گەپكە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.

    - قاچانغىچە بولسا بولاتتى؟ سورىدىم خىزمەتدىشىمدىن.

    - بۈگۈن چۇشتىن كېيىن.

    - بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن بولسا ئامال قىلىپ بېرەتتىم، قولۇمدا بەك جىددىي ئىش بارئىدى، بۇنى مەنمۇ بۇگۇن كەچتە ئىلمىي بۆلۇمگە تاپشۇراتتىم، ئۆزلىرى بىر ئامال قىلاملا-يە؟-دېدىم ئامالسىزلىقتىن خىزمەتدىشىمغا.

    -نېمە دەيدىغاندۇ، ئۇنداق ئىشنى قىلالىسام سىلىنى ئىزدەپ كىرەمتىم، تەييار نەرسىلەر يوقمۇ؟-يەنە سورىدى خىزمەتدىشىم مېنى تېخىمۇ خىجىل قىلىپ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، دەرھال نورۇز ھەققىدە بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يىغىپ قويغان ماقالە، شېئىر، نەسىرلەر سېلىنغان قەغەز خالتىنى ئۇزىتىپ:

     - مۇشۇنىڭغا قاراپ باقسىلا سىلە دېگەندەك نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ، تېخى گېزىتلەرگە چىققان بەك ياخشى ئىلمىي ماقالىلەر بار، ئوقۇپ باقسىلىرى ھېسسىياتلىرى ئۇرغۇپ بىرەر پارچە نەرسىنى يېزىۋېتەملا تېخى،- دېدىم.

     -ۋىيەي، بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈش، ئوقۇش بىلەن خوشۇم يوق مېنىڭ، بولدىلا مۇشۇنىڭ ئارىسىدىن بىرنى تېپىپلا ئوقۇي،-دېدى ۋە ھېلىقى ماتېرىيال خالتىسىنى  ئېلىپ چىقىپ كەتتى،  تۇرۇپلا بۇ ھەقتە خىيال سۈرۈپ قالدىم.

     ھەر قېتىملىق نورۇز بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، ئاياللار بايرىمى دېگەندەك پائالىيەتلەردە ماڭا بۇنداق زاكازلار كېلىپ تۇرىدۇ، ھەر ھالدا ئىقتىدارىمغا لايىق تىرىشىپ ماڭا ھاجىتى چۇشكەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايمەن، ئۇلارمۇ خۇش، قەلىمىم ئارقىىلىق باشقىلارغا ئاز-تولا ياردەم بېرەلىگىنىمدىن، باشقىىلارنىڭ مېنى بىر نەرسە بىلىدۇ، بىر نەرسە يازالايدۇ، دەپ قارىغىنىدىن مەنمۇ خۇش بولىمەن، ئەمما، مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋىرلىق قالپىقىنى كېيىپ، نۆۋىتى كەلگەندە يەنە بىزدەك جىق ئوقۇيالمىغانلارنىڭ ئالدىدا  كېرىلىپ بىز دېگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، مائاشىمىز يۇقىرى، دەپ گېپىمىزنىڭ شېخىغا ئۇرۇۋېتىدىغانلارنىڭ، بولۇپمۇ، 30 مىڭ پارچىغا يېقىن كىتاب، 50 خىلدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنال ھەر ۋاقىت تەق تۇرىدىغان مەكتەپ كۇتۇبخانىسىغا بېشىنى تىقىپ بېقىشقىمۇ ئېرىنىدىغان، ھەتتا، ئۆمرىدە ئۆزى خالاپ بىرەر سان گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇش ئەمەس، ھاتتا مەكتەپ نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ مۇشتەرى بولۇپ بەرگەن بىكارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىمۇ قولىغا ئېلىپ بېقىشتىن ئېرىنىدىغان بەزىبىر خىىزمەتداشلىرىمنىڭ ھە دېسە مەندىن «ئەسەر» سوراپ تۇرۇشلىرىدىن، يەنە كېلىپ بايىقىدەك خىجىل بولماي، ماتېرىيال كۆرۈش بىلەن خوشۇم يوق دېىيشلىرىدىن تولىمۇ غەيرىيلىق ھېس قىلىمەن. بۇ يەردە مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماڭا بىر نەرسە يازدۇرۇپ ئاۋارە قىلىشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ بىر نەرسە يېزىش داۋامىدا بولسىمۇ گېزىت-ژۇرنال كۆرۇپ بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى، ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر مەۋسۈم ئىچىدە بىرەر قېتىممۇ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنى يوقلاش يادىغا يەتمىگەنلىكىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىكار ۋاقىتلاردا ئەتىدىن كەچكىچە قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئۈندىدار، QQ توپلىرىدا مۇڭداش قىلىش، قىزىقارلىق نەرسىلەرنى كۆرۈپ كۆزىنى ئاۋارە قىلىش بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ. كىتاب-ماتېرىيال كۆرۈپ ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىشنى ئېغىر ئالىدۇ.

     «ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن بىر چېلەك سۇ بولۇش»لا كۇپايە قىلمايدۇ، ئوقۇتقۇچى چوقۇم سۈيى مەڭگۇ تۈگىمەس بۇلاق بولۇشى كېرەك، بۇ دەل ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ خاراكتېرى ۋە مۇھىم رولىغا قارىتا ئېيتىلغان. ئوقۇتقۇچى ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى، يېڭى-يېڭى تېخنىكىلار بىلەن قوراللىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا  بىلىم توپلىشى كېرەك. كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ئوقۇش ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن دەۋر يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇشنىڭ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. سىز ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا «پالانچى ئەسەردىكى پالانچىمۇ بالىلىق چېغىدا تىرىشىپ، ئېغىر قىيىىنچىلىققا قالسىمۇ كىتاب ئوقۇغان، سىلەرمۇ كىتاب ئوقۇشنى ئادەت قىلىڭلار» دېگەندەك قۇرۇق ۋەز-نەسىھەت قىلىسىز-يۇ، ئۆزىڭىز كىتاب ئوقۇمىسىڭىز، ماتېرىيال كۆرمىسىڭىز، سىز بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىز بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ ئۈلگە قىلىپ بېرەلمىسىڭىز، ئۇلارنى قانداق يېتەكلەيسىز؟  ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدىن دائىم كىتاب چۈشمىسە، ئېغىزىڭىزدىن يېڭى، يېڭى ئۇقۇم چىقىپ تۇرسا شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ ئۈنۈمى سىزنىڭ ئون قېتىم بەرگەن پەندى- نەسىھەتىڭىزنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار سىزنىڭ قولىڭىزدىكى يېڭى كىتابلارغا قىزىقىدۇ، شۇنداقلا سىز سۆزلەپ بەرگەن كىتابلاردىكى ۋەقەلىكلەرنى ئاڭلىسا، شۇ ھامان كۇتۇپخانىغا يۈگرەيدۇ، شۇ كىتابنى ئىزدەپ ئوقۇيدىغان بولىدۇ.

1997     -يىلى بىر مەكتەپتە ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇتقۇچى تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇردى، شۇ چاغدىكى دەرسلىك كىتاب 1994-يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى 1995-يىلى 10-ئاينىڭ  5- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما دەرسلىك كىتاب تېخى تۈزىتىلمىگەن بولغاچقا، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا تولىمۇ ئىشەنچ بىلەن: «ئابدۇرېھىم تىلەشۇف ئۆتكۈر ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى، ھەممىمىز ھەيران قېلىپ بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق، دەرستىن كېيىن ئۇ ئوقۇتقۇچىغا: ئۆتكۈر ئەپەندى 1995-يىلى 10-ئاينىڭ  5-كۈنى 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن» دېيىشىڭىز كېرەك ئىدى، دېسەك، بۇ ئوقۇتقۇچى خىجىل بولماقتا يوق،  «دەرسلىك كىتابتا شۇنداق دېيىلگەن تۇرسا... بىز دەرسلىك كىتابنى ئاساس قىلىمىز» دەپ ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلاتقانىدى، دېمەك، بۇ ئوقۇتقۇچى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال ئوقۇپ تېگىشلىك يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر  تاپمىغان.

     ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ كىتاب ئوقۇمىغان، يېڭىلىق، ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىشقا سەل قارايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتى ھەقىقەتەن جىددىيمۇ؟ خىزمىتى ھەقىقەتەن ئالدىراشمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، ۋاقىت دېگەن ئىزدىگەن ئادەمگە تېپىلىدۇ، گەپ كىتاب ئوقۇشقا ئامال قىلىپ ۋاقىت چىقارماسلىق، كىتاب ئوقۇشنى خالىماسلىقتا.

2015     -يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇس قىلىنغانىدى، بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يالغۇز چوڭلارنىڭ ئارىسىدا كۆتۈرۈلۈپلا قالماستىن، بەلكى ياش- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىمۇ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، نۇرغۇنلىغان شەخسىي كۇتۇپخانىلار قۇرۇلدى، كىتاب ئىئانە قىلىش، مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات سۆزلەشكە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى، دۆلەتنىڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىپ «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇشى بىلەن مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرى، كەنتلەردە ئائىلە قىرائەتخانىلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ كۇتۇپخانىلارغا زور تۈركۈمدە كىتاب-ژۇرناللار تولۇقلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىلدى، بۇ ھەممىمىز خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك مەنزىرە، ئەلۋەتتە.

     تەۋسىيەم: ھەممىمىز كىتاب ئوقۇيلى، بولۇپمۇ، ئەۋلاد تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك كىتاب ئوقۇيلى، ماتېرىيال كۆرەيلى، بۇ گۈزەل زاماننىڭ ئەتىسى، ئالدىڭلاردا ئولتۇرغان قارا كۆزلەرنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، ئۇلارغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭلارنى، مۇھىمى ئۇستازلىق ئەجرىڭلارنى ئاتا قىلىڭلار، ئۇلار سىلەردىن ئەخلاق-پەزىلەت، ئىلىم-ھېكمەت ئۆگەنسۇن، ئۇلارغا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى بىلسۇن، ئوقۇغۇچىڭلار سىلەرنى كىتاب ئوقۇيدۇ، بىلىمى مول، ئەخلاقلىق، دەپ تەرىپلىسۇن.