باش بەت>مائارىپ

ئېلىمىزدە بەش يىلدىن بۇيان 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى (قېتىم) 700 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 15:14:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى مائارىپ باسقۇچىدىكى 425 مىليون ئوقوغۇچى (بالا) 700 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن.

   بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تەييارلىق مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى مائارىپ باسقۇچلىرىدىكى 425 مىليون ئوقۇغۇچى (بالا)غا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلگەن (مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھەقسىز دەرسلىك ۋە ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بۇنىڭ سىرتىدا).

پەرھات ھېكىم تەرجىمىسى