باش بەت>مائارىپ

باسما كىتابلارنى ئوقۇش ئۆگىنىشكە تېخىمۇ پايدىلىق

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-28 15:30:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ياش-ئۆسمۈرلەر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياخشى كۆرىدۇ. كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى دەرسلىك كىتابنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەغەز باسما كىتاب بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مەزمۇن بىر بەتتىن ئېشىپ كەتسە، باسما دەرسلىك كىتاب ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئوقۇش سۈرئىتى باسما كىتابنى ئوقۇش سۈرئىتىدىن تېز بولىدىكەن. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشى باسما كىتابنى ئوقۇغاندىكىگە يەتمەيدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇزۇنراق مەزمۇنلارنى كۆرۈشتە ئېكراننى پات-پات دومىلىتىپ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەچكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەزكەزلەشتۈرۈشىگە پايدىسىز بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوقۇشنىڭ مەقسىتى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بەزى ئوقۇشلاردا ماتېرىيالنىڭ ھەممە مەزمۇنىنى ئەتراپلىق ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، يەنە بەزى ئوقۇشلاردا ماتېرىيالنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەشكە توغرا كېلىدىكەن، باسما كىتاب مەدەنىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، باسما كىتابنىڭ خاراكتېرى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان يېقىملىق تۇيغۇنى ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ھەرگىزمۇ بېرەلمەيدىكەن، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنىڭ تەرەققىياتى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باسما كىتاب ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدىكەن.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى