باش بەت>قەشقەر

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك «قوش تىل» 2-بالىلار باغچىسى ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-30 11:04:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ چىڭ فوتوسى)

يېقىندا، يېڭشەھەر ناھىيەلىك «قوش تىل» 2-بالىلار باغچىسى تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئوقۇتقۇچىلار ئەقىل- پاراسىتىنى پائال جارىي قىلدۇرۇپ، ئىلغار ئوقۇتۇش قارىشىنى پائالىيەتنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق پائالىيەتنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى.

بۇ قېتىم تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈلگىلىك دەرس سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرۈش، ئاڭلاش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى پۇرسەتكە ئىگە قىلىپ، بالىلار باغچىسىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىدى.