باش بەت>قەشقەر

قەشقەر شەھىرىدىكى بالىلار باغچىلىرىدا ساغلام، بىخەتەر يېمەك-ئىچمەك مۇھىتى يارىتىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-12-09 11:06:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

سۈرەتتە: شامالباغ بازارلىق مەركىزىي «قوش تىل» بالىلار باغچىسىدىكى بالىلار تاماق يېمەكتە. 

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ھازىر قەشقەر شەھىرىگە تەۋە يېزا (بازار) لاردىكى بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلار ئەتىگەندە سۈت، تۇخۇم، چۈشتە گۆشلۈك تاماق، چۈشتىن كېيىن مېۋە-چېۋە، پىرەنىك يېيىش ئىشقا ئاشتى.

مۇخبىرنىڭ قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر قايسى بالىلار باغچىسىغا يېمەكلىك سېتىۋېلىشتا يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، چارۋىچىلىق ئىدارىسى، سەھىيە ئىدارىسى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇكەممەل بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلغان؛ يېمەكلىك سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىلمىي تاماق تىزىملىكى تۈزۈپ ۋە شۇ بويىچە ئىجرا قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ساغلام، بىخەتەر يېمەك-ئىچمەك مۇھىتى يارىتىپ بېرىلگەن.