باش بەت>قەشقەر

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار شاۋگۈن باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-03-28 12:38:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

 

سۈرەتتە: تەبرىكلەش مۇراسىمىدىكى قوتازغا مىنىپ ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لىن جيەنشىڭ، جاڭ خېپىڭ خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندىن بۇيان، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېزا، كەنتلىرىدىكى تاجىك ئاممىسى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىنى يوقلىشىپ، خۇشال ھالدا بايرام ئۆتكۈزدى، ھەممە يەر دوستلۇق مېھرى، ئىناقلىق ۋە قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تاجىكلارنىڭ كاتتا بايرىمى - شاۋگۈن باھار بايرىمى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە يەنە سۇ باشلاش بايرىمى ۋە ئۇرۇقلۇق سېلىش بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايراملارنى تاجىكلار باھار مەزگىلىدە يەنى دېھقانلار كالىندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىدۇ. بايرام ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى كۆپچىلىك ئات مىنىپ، جابدۇق ۋە نانلارنى ئېلىپ مىرابنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۇ باشلاش نۇقتىسىغا بارىدۇ، ئاندىن مۇز يېرىپ سۇ باشلاش ۋە ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلىش باشلىنىدۇ، سۇ باشلاپ كېلىنگەندىن كېيىن كىشىلەر چۇرقىرىشىپ، سەكرىشىپ سۇ باشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىشىدۇ ھەمدە ئۆستەڭ بويىغا يىغىلىپ ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن بايراملىق نانلىرىنى يىيىشىدۇ.

بۇ مەزگىلدە دېھقان - چارۋىچىلار ئېتىز باشلىرىغا يىغىلىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، ھەر بىر ئائىلە ئازراقتىن بۇغداي ئۇرۇقلۇقىنى تەييار قىلىپ، كەنتتىكىلەر ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئاقساقالنى ئۇرۇقلۇق چېچىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇرۇقلۇق چېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىرەيلەن يوغان، سېمىز بىر قوتازنى ئېتىزلىققا باشلاپ يەر ئاغدۇرىدۇ ھەمدە بىر قانچە تال بۇغداي ئۇرۇقلۇقى چېچىپ، تېرىلغۇ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.