باش بەت>قەشقەر

كادىرلار ئىستىلىنى قەتئىي تۈزەپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-03-30 23:05:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ۋىلايەت كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەش، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى

كادىرلار ئىستىلىنى قەتئىي تۈزەپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك


يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو، مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭشىن خەۋىرى، فوتوسى: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋىلايەت كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەش، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ، ئىككىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش» خىزمەت تەلىپى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىلى ۋە ئاممىۋى خىزمەت جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىلىپ، ئىدىيە، ھەرىكەت، قەدەم بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، «كۈچلۈك دورا بىلەن كېسەلنى داۋالاش»، «قاتتىق قول چارە ئارقىلىق قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش» ئىرادىسى، «سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر تازىلاش»، كەسكىن ئىش كۆرۈش جاسارىتى بىلەن كادىرلار ئىستىلىنى قەتئىي تۈزەپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئاساس سېلىنىپ، ئەل قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇتۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى ۋە پولات سېپىلى ھاسىل قىلىندى. يىغىن كۆرۈنمە چاستوتا شەكلىدە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە) لەرگىچە ئېچىلدى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياسىن سىدىق يىغىندا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش دېلولىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق قارالدى: ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا ساقلانغان مەسىلىلەر پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، پارتىيەنىڭ قەشقەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزدى.

لى نىڭپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كادىرلارنىڭ قىلمىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە خىلاپ، دۆلەت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق، «بەش تونۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت باش مەقسەتتىن چەتنەپ،  پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدىكى توسالغۇغا ئايلانغان. ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئەستايىدىل ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىپ، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە ئاڭلىقلىقىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، باش مەقسەتنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشى ۋە پارتىيەگە ساداقەتمەن سەمىمىي كىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر ۋىلايىتىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى «ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈش»، «داۋاندىن ھالقىش»تەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئەڭ كەڭ ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»دە غەلىبە قىلىپ، «ئىككىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش»نى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقتا كادىرلار ئىستىلى قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ قەشقەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى قەشقەرنى مۇقىملاشتۇرۇش، قەشقەرنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قەشقەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزىدىغىنى پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى، يوقىتىدىغىنى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، سۇسلاشتۇرىدىغىنى ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسى، تەۋرىتىدىغىنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى بايقىغان كادىرلارنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىلىرى پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زور يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلدى. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە  سەگەك بولۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ئاساسىدا ھەقىقىي تۈردە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، كۆز بويامچىلىق قىلماي، باشقىلارغا ئىتتىرمەي، قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق مەسىلىنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەشنىڭ دائىرىسى، مۇھىم نۇقتىسى ۋە تەلىپىنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. تۈزەش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭ، ئەمەلىي يۈكلەپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلەر ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئېغىر بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئىنكاس قايتۇرۇش، مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىىق خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا تەربىيە بېرىش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا بولغان سىياسىي - نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش، باش مەقسەت ئېڭى، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە قارىتىپ، نەتىجىلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى سىرتتىن ئىچىگە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، نۇقتىدىن دائىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، «تۇۋاقنى ئېچىش، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى قېزىش»، ئامما پاش قىلىش، سوراق  قىلىپ، چوڭقۇر قېزىشنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلدى؛ بىرتۈركۈم كادىر، دىنىي زات، سودىگەرلەر ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاشكارىلاندى. بۇ كىشىلەر قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى چوڭ «زەھەرلىك ئۆسمە»، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن پەردە ئارقىسىدىكى «قارا قول» ھېسابلىنىدۇ. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى، رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بارلىق «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي قېزىپ چىقىپ، تەلتۆكۈس تازىلىشى كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لىكنى تۈزەشنى قاتتىق زەربە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ،  ھەرمىللەت ئاممىسىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، تۈرلۈك تەشۋىقات، كادىرلار ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ زىيارەت قىلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا «ئىككى يۈزلىمىچى»لىكنىڭ زىيىنىنى ئېنىق سۆزلەش، «تۇۋاقنى ئېچىش، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى قېزىش»قا بىرلەشتۈرۈپ،  يۈزتۇرا سۆزلەش  قاتارلىق شەكىللەر بىلەن راست گەپنى ئاڭلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، يىپ ئۇچىنى رەتلەپ، پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تارتىپ چىقىش كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلاش، تۈزەشتە تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىشقىلا بولىدۇكى، ھەر قانداق ماداراغا ئىمكانىيەت يوق، پەقەت غەلىبە قىلىشقىلا بولىدۇكى، مەغلۇب بولۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم قىلچە يول قويماي ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىپ  تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز قوشۇننى چېكىندۈرمەسلىك كېرەك.

لى نىڭپىڭ ماۋۇلارنى تەلەپ قىلدى: كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەش، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش  جەزمەن غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەيدان قاتتىق جەڭ. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان مەسىلىلەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لىكنى تۈزەش، ئەل قەلبىنى ئۇتۇش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ رېئال ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر « تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بوشاڭلىق قىلماي، بوشىشىپ قالماي، تىرىشىپ «تىك قىيا» غا يامىشىپ، «داۋان» لاردىن ئۆتۈپ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان مەسىلىلەر تەلتۆكۈس تۈزەلمىگىچە، كادىرلارنىڭ ئىستىلى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىغىچە بولدى قىلماسلىقى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كوللېكتىپ سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. خەلق  ئارزۇ قىلغاننى بېرىشتە، خەلق نەپرەتلەنگەننى يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى يېتەرلىك، دەل جايىدا بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلدۇرۇش؛ ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، كادىرلار ئىستىلىدا ئەڭ گەۋدىلىك بولغان «تۆت خىل ناچار ئىستىل»، «تۆت ئىللەت» مەسىلىسىنى سىجىل ياخشى تۈزەپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىگە پاك، دۇرۇس بولغان يېڭى كەيپىيات، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك !

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى سۆز قىلىپ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى، سەركىسى بولۇپ، ئۆزگىچە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. دىنىي زاتلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەت تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىكنى قەتئىي توسۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك. كەڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى قانۇن- بەلگىلىمىگە ئاڭلىق ھالدا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. زىممىسىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچنى ھەقىقىي تۈردە ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى؛ ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئورۇن ( كارخانا) لىرىنىڭ مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار؛  ھەر قايسى يېزا(بازار) رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى كەنت ( مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىلىرى، كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى، كەنت (مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.