باش بەت>قەشقەر

جۇڭخۇا «ساغلاملىق پويىزى»دا داۋالانغانلارنى يوقلاش پائالىيىتى ۋە سۆھبەت يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-22 12:32:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

مۇخبىرىمىز خو رەن خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 17-، 18-كۈنلىرى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ قەشقەر «يورۇقلۇق سەپىرى» بويىچە 2017-يىللىق جۇڭخۇا «ساغلاملىق تېز پويىزى»دا داۋالانغانلارنى يوقلاش ئۆمىكىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلشات ئابدۇقادىرنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى، قەشقەر پويىز ئىستانسىسى دوختۇرخانىسى ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسىغا بېرىپ، كۆزىگە ئاق چۈشۈپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلارنى يوقلىدى ھەمدە كۆزىگە ئاق چۈشۈپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ساقايغانلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

«ساغلاملىق تېز پويىزى» ھەرىكىتى «ساغلام شياڭگاڭ فوندى» دىن باشلانغان، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ئۆزلۈكىدىن ئىئانە توپلاپ قۇرغان پويىز ئۈستىدىكى دوختۇرخانا بولۇپ، بۇ 1997-يىلى شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش ئالدىدا شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ئانا ۋەتەنگە قىلغان سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ مەقسىتى ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلاردىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ مېيچى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى تېببىي خادىملار ۋە پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 677 ئاغرىقنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىدى، كۆز كېسەللىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكلەش، ئۆگىتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قەشقەردىكى تېببىي خادىملارنى ئەستايىدىل تەربىيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭخۇا «ساغلاملىق تېز پويىزى» فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى فاڭ خۇاڭ جىۋېن مۇنداق دېدى: «ساغلاملىق تېز پويىزى» ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى يەتكۈزۈپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتەك مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. قەشقەردىكى كۆزىگە ئاق چۈشۈپ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلارنىڭ پارتىيەنىڭ، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى چىن كۆڭلىدىن ھېس قىلىپ، بۇ خىل چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى ئەتراپىدىكى ئامما ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.