باش بەت>قەشقەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى سورۇن ھازىرلاپ بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-23 10:57:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى سورۇن ھازىرلاپ بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلدى
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: شۈ لېلې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: زېڭ لى
 

سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭدۇڭ «سىكې» ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىدا يەرلىكتىكى ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېپىدە.          (مۇخبىرىمىز جاڭ خۇاۋېي فوتوسى)

 

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سورۇن ھازىرلاپ بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 15 مىليارد 523 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ (شېنجېن شەھىرىنىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 674 نى يولغا قويۇپ (شېنجېن شەھىرىنىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 20 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم (قېتىم)نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. يېقىنقى ئۈچ يىلدا ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان بەش ناھىيە (شىغا قاراشلىق شەھەر) نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %17.8، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14.9 ئاشقان.

«سورۇن ھازىرلاپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش» ياردەم بېرىدىغان ۋە ياردەمگە ئېرىشىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئىلمىي، توغرا تاللىشى بولۇپ، بىر جەھەتتىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى  مەملىكەت بويىچە ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىسى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان جاي بولۇپ، پىشىپ يېتىلگەن كەسىپلەر كۆجۈملىشىپ تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يەنە بىر جەھەتتىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ۋەزىپىسى مۈشكۈل.  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆزىنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قانداق قىلىپ يوچۇقسىز جىپىسلاشتۇرىدۇ؟ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭنى مۇقىم، تىنچ قىلىش خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى چىقىش قىلىپ، «سورۇن ھازىرلاپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش» ئارقىلىق كەسىپ سانائەت رايونىدا كارخانىلارنى كۆجۈملەشتۈرۈپ، كەسىپ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىپ، كەسىپ لىنىيەسىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇاڭدۇڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپ جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدەندى.

ئىختىساسلىقلار يىلتىز تارتىپ، تالانتىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رايون دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى، پەيزاۋات ناھىيەلىك سانائەت رايونى، بىڭتۈەن ساۋخۇ گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپ رايونى قاتارلىق تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك بولغان توققۇز سانائەت رايونىنى قۇرۇپ، سودا، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى كۆجۈملەشتۈرۈپ، قەشقەر-گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، قەشقەر خەلقئارا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونى دەسلەپكى باسقۇچ رايونى، پەيزاۋات ناھىيە «شىڭيې» ئوتتۇراھال، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ سەھنىلەرنى بەرپا قىلدى. بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 81نى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن يەنە  1 مىليارد 711 مىليون يۈەن ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى جەمئىي 51 بولۇپ، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ  4 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، 16 مىڭ 400 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «سورۇن ھازىرلاپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش» ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزدى: دۇڭگۈەن «دۇڭشى» گۇرۇھى، دۇڭگۈەن «يىچۈن» گۇرۇھى ۋە 3-شى تۇمشۇق شەھىرى «شىڭفاڭ» شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بىڭتۈەن ساۋخۇ گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپ رايونىنىڭ 1-قارارلىق «دۇڭ چۈنشىڭ» 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق توقۇمىچىلىق تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەسىپ رايونى كەلگۈسىدە «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى، دۇنيا بويىچە ئىلغار» توقۇمىچىلىق كەسىپ بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدىغان قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسى 2-ئاكادېمىيەسى، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى 5-ئاكادېمىيەسى، «خۇاۋېي» تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، «تۇڭفاڭ ۋېيشى»، «فېڭخو» ئۇچۇر-ئالاقە پەن-تېخنىكا پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 20 دىن كۆپرەك كارخانا، ئاكادېمىيە، ئورۇنلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، كەلگۈسىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى، سورۇنى ئارقىلىق 221 كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئىككى جاينىڭ كەسىپ يۆتكىلىشىنى جىپىسلاشتۇرۇش ۋە كارخانىلارنى يۆلەش، ئېتىبار سىياسەتلىرى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى، مەسىلەن: ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى كارخانا «سىكې» ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنى تىپ قىلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت  «X+1+Y »ئۈچ دەرىجە بىرلەشكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ناھىيەلىك سانائەت رايونىدا زامانىۋى زاۋۇتتا مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا (بازار)لاردا ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قولايلىق ياراتتى، كەنتلەردە ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ماتېرىيالنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆيىدە پىششىقلاپ ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىپ، 6000 دىن كۆپرەك كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىدى؛ پەيزاۋات ناھىيە «شىڭيې» ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانا يېتىشتۈرۈش بازىسىغا فوشەن سانائىتىنىڭ «سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىش» يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، بازا، كارخانىلارنىڭ «رايون ئىچىدە رايون» قۇرۇشنى قوللاپ، «سورۇن ھازىرلاپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش»نى «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق سورۇن ھازىرلاش»قا ئۆزگەرتىپ، يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە 20 نەچچە كارخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ياكى توختام ئىمزالىدى.

«تۇڭجى» ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفېسسور يۈەن چىڭسۇڭ مۇنداق قارىدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى ئۆز تەجرىبىسى، بايلىقى، تېخنىكىسى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش ھەمدە شىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا قويۇپ، كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ گۇاڭدۇڭچە ئەندىزىسىنى ياراتتى.