باش بەت>قەشقەر

شاڭخەي ساغلاملىق تېببىي ئىنىستىتۇتى ۋىلايىتىمىزدىن ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-23 11:13:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

مۇخبىرىمىز شياۋپىڭ خەۋىرى: شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى، سەھىيە ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن، 2017-يىلدىن باشلاپ شاڭخەي ساغلاملىق تېببىي ئىنىستىتۇتى قەشقەر ۋىلايىتىدىن مېدىتسىنا ئىلمىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىدۇ.

شاڭخەي ساغلاملىق تېببىي ئىنىستىتۇتى شاڭخەي شەھىرىگە قاراشلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس تېببىي ئىنىستىتۇتى بولۇپ، يېقىنقى 60 يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش تارىخىدا، بۇ ئىنىستىتۇت تېببىي ئىلىم بىلەن مېدىتسىنا قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈش، داۋالاش-تېخنىك ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىنىستىتۇتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98تىن ئاشتى.

ۋىلايىتىمىزدىكى يېزا-بازارلىق شىپاخانىلار ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىباب داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەھىيە ئىختىساسلىرىنى نۇقتىلىق تولۇقلاش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلام سەھىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مېدىتسىنا كەسپىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش يولغا قويۇلدى، بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار كىلىنىكا  مېدىتسىناسى تولۇق كۇرس كەسپىدە بەش يىل ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەممىباب مېدىتسىنا ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشى بويىچە تەربىيەلىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئوقۇتۇش ھالقىسى كۈچەيتىلىپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو تېبابىتى(مىللىي تېبابەت) ۋە  پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش تېخنىكىسىغا ئائىت مەزمۇنلار مۇۋاپىق كۆپەيتىلگەن. قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ۋىلايىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش قاتناشقان خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار(2017-يىلى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىدىن 20 نەپەر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىدىن 10نەپەر قوبۇل قىلىنىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار «نىشانلىق ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى» ئىمزالايدۇ.