باش بەت>قەشقەر

شاڭخەي شەھىرى مىنخاڭ رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى پوسكام ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-23 11:18:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى: پوسكام ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان شاڭخەي شەھىرى مىنخاڭ رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى پوسكام ناھىيەسىگە كېلىپ، ئالاقىدار ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا 6-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بۇ ناھىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە پوسكام ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.