باش بەت>قەشقەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «سانائەت رايونى ئىچىدە رايون» بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى جەلپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-28 18:44:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: شۈ لېلې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: زېڭ لى

ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ فوشەن شەھىرى بىلەن پەيزاۋات ناھىيەسى ئورتاق ياسىغان فوشەن-پەيزاۋات يولىدا ماڭسىڭىز، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى «شىڭيې» ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا كىشىلەرنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى، رەت-رەت زاۋۇت ئىمارەتلىرىنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى، ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈكتە بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانىلىرىنىڭ ماكانلاشقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

سانائەت رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ شاۋمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە گۇاڭدۇڭ كارخانىلىرى سورۇن ھازىرلىغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كارخانىلار ماكانلاشقان، بۇ بازا فوشەن شەھىرىنىڭ سانائەت رايونىنى يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، كارخانىلار سانائەت رايونىدا «سانائەت رايونى ئىچىدە رايون» بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش، كارخانا يولغا قويۇش، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، ماكانلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» تىن ئىبارەت كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

پەيزاۋات ناھىيەسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، «گۈزەل، ئاۋات، باي ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئۆتكەن ئۇزاق بىر مەزگىلدە بۇ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قۇملۇق، يەنە ئۈچتىن بىر قىسمى شورلۇق يەر بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ھېسابلىناتتى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەزمەن يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسىدىن سانائەتتە كۈچلۈك ناھىيەگە ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇش، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى بايقىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە 10 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان پەيزاۋات ناھىيەلىك سانائەت رايونى قەد كۆتۈردى.

سانائەت رايونى قۇرۇلدى، ئەمما سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرىكى پىلانلاش، مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، سانائەت رايونىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆددىگە ئېلىۋېلىشتەك ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى«شىڭيې» ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا «سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. پەيزاۋات ناھىيەلىك سانائەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ خۇاساڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ سانائەت رايونىدا «سانائەت رايونىدا رايون» بەرپا قىلىپ، «ئۇۋا سېلىپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش»نى «سۇمۇرغ جەلپ قىلىپ ئۇۋا سېلىش»قا ئۆزگەرتىشنى قوللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا فوشەن شەھىرىدىكى تەرەققىي قىلغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشاننى گۇاڭدۇڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتىپ، سانائەت رايونىغا سودىگەر چاقىرىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

بۇ خىل سودىگەر چاقىرىش ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تېز كۆرۈلدى. پەيزاۋاتتىكى «شىڭ خۇڭتەي» مىللىيچە كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى بۇلتۇر ماكانلاشقان كارخانا بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كارخانا يەرلىكتىكى 200 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى ھەمدە دېھقانلارنى سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشقا يېتەكلىدى.

ليۇ شياۋمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق زور بىر تۈركۈم زاۋۇت ئىمارەتلىرىنى سېلىپ، «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرغاچقا، ئۈنۈم چەكلىك بولغانىدى، ئەمما ھازىر ھۆكۈمەت بازار مېخانىزمىنىڭ  پىشاڭلىق رولىدىن پايدىلىنىپ، ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبتىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلدى. بازىدىكى كارخانا ئىگىلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق قوزغىتىپ، «شېڭيې» ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا يەرلەرنى تەكرار ئېچىش، ئۆلچەملىك زاۋۇت ئىمارىتى سېلىش، مۇناسىپ يانداش ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «ئۈچ يىل ئىجارە پۇلى ئالماسلىق، ئۈچ يىل ئىجارىسىنى كېمەيتىش، ئۈچ يىل ئېتىبار بېرىش» قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى تۆۋەن تەننەرختە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا سانائەت رايونى، بازا، كارخانىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ھەر قايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەپ، ماس تەرەققىي قىلىپ، «ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشتە نىشان بولۇش، بازىغا مەبلەغ سېلىشتا قەتئىي ئىرادە بولۇش، كارخانىلارنى ماكانلاشتۇرۇشتا ئىشەنچ بولۇش، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا كاپالەت بولۇش»تەك يېڭى ئەندىزىنى بەرپا قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ بازا 19 كارخانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك جەلىپ قىلغان بولۇپ، 20 نەچچە كارخانا بىلەن سۆھبەتلىشىۋېتىپتۇ، 2-قارارلىق تۈرلەرگە ئىش باشلىنىپتۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 80 نەچچە كارخانىنى سىغدۇرۇپ، 20 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 800 مىليون يۈەنگە، يىللىق پايدا بېجى 120 مىليون يۈەنگە يىتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۇنجى پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.