باش بەت>قەشقەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قەشقەردە تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇنبىرى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-30 12:40:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىخېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پېڭ شياڭياڭ خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «پەن-تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇنبىرى» قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى ۋە ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋۇ تەييۈن مۇنبەرگە رىياسەتچىلىك قىلدى. بېيجىڭ «چاڭفېڭ» پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش جىڭلىسى ما ليەنيى، شېنجېن «جىخۈيگۇ» گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى جۇ گاڭ، ج خ مىنىستىرلىقى 1-تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جې چېن، «خۇاۋېي»نىڭ كارخانا دەرىجىلىك جۇڭگو باش ئىنژېنېرى خۇ شەنيوڭ ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شېنجېن ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور بەي جىچياڭ ۋە ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو يۆجۈن مۇنبەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پەن-تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئاساسىي تېمىلىق سۆز قىلدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى خۇاڭ نىڭشېڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشقان ئاپپاراتلار ۋەكىللىرىنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى داۋامىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيە-خەلق بېرىككەن يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە-خەلقنىڭ ھەمكارلىشىپ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ كەسىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىقىدىكى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە شۇنىڭدەك قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ج خ، چېگرا مۇداپىئە ۋە پەن- تېخنىكا تارماقلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، رەھبەرلەردىن بولۇپ 100 دىن كۆپرەك كىشى بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشتى.

مۇنبەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى پەن-تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى 2-تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىقىدىكى 30 نەچچە پەن تەتقىقات يۇرتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتى بۇ قېتىمقى پەن-تېخنىكا جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.