باش بەت>قەشقەر

ساغلاملىق تېز پويىزى يەنە بىر قېتىم قەشقەردىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقلارغا بەخت ئېلىپ كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-03 11:00:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو، مۇخبىرىمىز جاڭ خۇاۋېي، پىراكتىكانت ليۇ چىڭ خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 17-كۈنى مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ياڭ يۈەنفېي ۋىلايەتلىك سەھىيە-پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى، ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بىلەن ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى 4 مىليون 500 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا ۋاكالىتەن ساغلاملىق تېز پويىزىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى، ئۇلارنىڭ ياتاق،تاماق ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ھەر مىللەت ئاغرىقلىرىدىن ھال سورىدى. بۇ ساغلاملىق تېز پويىزى 5ئاينىڭ 8-كۈنى 7-قېتىم قەشقەر بېكىتىگە كىرگەن بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى 1200 نەپەر كۆزىگە ئاق چۈشكەن نامرات ئاغرىقنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىدىكەن. ساغلاملىق تېز پويىزىدا، ياڭ يۈەنفېي خىزمەتچى خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەمدە پويىزدىكى ئىلغار كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ ئاغرىقلارنى ئوپېراتسىيە قىلىش جەريانىنى كۆردى، پويىز بالنېتساسىدىكى ئاغرىقلارنى يوقلىدى، ساغلاملىق تېز پويىزىدىكى خىزمەت ئەسلىھەلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياتاق ۋاگونىنى كۆزدىن كەچۈردى. ياڭ يۈەنفېي ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ قەشقەرگە كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى قەشقەرنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا بولغان كۈچلۈك قوللاش، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارغا يەتكۈزۈلگەن مېھىر-شەپقەت ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە داۋالاشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشى، ساغلاملىق تېز پويىزىنى ياخشى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى؛ تۆمۈر يول، ئېلېكتىر-ئېنىرگىيە قاتارلىق تارماقلار ئاكتىپلىق بىلەن ئېلېكتىر-ئېنىرگىيە، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئالاقە راۋانلىقى قاتارلىق ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ سەھىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاغرىقلارنى ھەقسىز داۋالىنىپ، قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، «نامراتلارنى يۆلەپ ئەمالارنى داۋالاش، ئىناق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ساغلاملىق تېز پويىزى تۈرى نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىكەن. 2002-يىلدىن بۇيان ساغلاملىق تېز پويىزى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەردىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن  6053 نەپەر نامرات ئاغرىقنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، بىۋاسىتە 27 مىڭ يۈەن ئوپېراتسىيە ھەققىنى كېمەيتتى ۋە كەچۈرۈم قىلدى، 6000 دىن ئارتۇق ئاغرىقنى قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتۈردى.

ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ 2017-يىللىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ تولۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك سەھىيە-پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى ۋە ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ بازا دوختۇرخانىسى بولغان ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونكرېت يېتەكلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش-يولغا قويۇش تەپسىلىي چارىسى ۋە تۈرنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپىنى تۈزدى ھەمدە پويىز توختىغاندىن كېيىنكى ئارقا سەپ مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى تىببىي خادىملارنى ۋىلايىتىمىزنىڭ 12 ناھىيە(شەھەر)سىگە ئەۋەتىپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەنلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ، ئايرىپ چىقتى. بۇ قېتىم ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزى دوختۇر-سىستېرالاردىن 20 دىن ئارتۇق تايانچ خادىمنى ئاجرىتىپ، ئاغرىقلار رايونىدا 100 كارىۋات تەييارلاپ، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئاكتىپ ماسلاشقان. نۆۋەتتە، ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئاغرىقلارنى تەكشۈرۈپ تاللاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان.

ئاغرىقلار ئاساسلىقى داۋالاش ئەسلىھەلىرى قالاق، داۋالاش سەۋىيەسى تۆۋەن نامرات رايونلاردىن كەلگەن، كۆپچىلىكنىڭ يېشى چوڭ، نامرات كىشىلەر بولۇپ، كېسىلىنى داۋالىتىشقا شارائىتى، ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلەر ئىدى. ساغلاملىق تېز پويىزى مۇشۇنداق ئاغرىقلارغا قايتا يورۇقلۇقنى كۆرۈش ئۈمىدى ئاتا قىلدى. ئەمدىلا ئوپېراتسىيەدىن چىققان بىر ئۇيغۇر ئايال كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە تېببىي خادىملارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت، چېن چۈەنگو شۇجىغا رەھمەت، مېنى ئوپېراتسىيە قىلغان دوختۇرلارغا رەھمەت!

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى فېڭ يۈن ساغلاملىق تېز پويىزىدىكى ئوپېراتسىيە قىلىدىغان ئاساسلىق دوختۇرلارنىڭ بىرى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى 40 قېتىمچە ئوپېراتسىيە بار، ئوپېراتسىيە باشلانغان ھامان نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تاماق يېيىشكىمۇ چولىمىز تەگمەيدۇ. ھەممەيلەننىڭ بېيجىڭدا ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، بولمايدىغان ئائىلىمىز، بالىلىرىمىز بار، لېكىن يەنىلا شۇنچە يىراق جايدىن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىغا كەلدۇق، چۈنكى، كۆپچىلىك بۇ جايدا كۆزىگە ئاق چۈشكەن نۇرغۇن نامرات، ياردەمگە مۇھتاج ئاغرىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. مەن ساغلاملىق تېز پويىزىنىڭ يەرلىكتىكى ئاغرىقلارغا ھەقىقىي ياردەم بېرەلىشىنى، ئۇلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاغرىقلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ساقىيىپ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرگەنلىكىنى كۆرسەم، ۋاقتىدا تاماق يېيەلمىگىنىم، ئۆيدىن شۇنچە يىراقتا تۇرۇپ جاپا تارتقىنىم كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ، ھاردۇقۇم چىقىدۇ.