باش بەت>قەشقەر

ۋىلايتىمىزدىن 2500 دىن كۆپرەك ئەمگەكچى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماڭدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-03 11:56:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

مۇخبىرلىرىمىز خورەن، ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋىرى، فوتوسى: 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋىلايتىمىزنىڭ 11 ناھىيە (شەھەر)دىن كەلگەن 2500 دىن كۆپرەك ئەمگەكچى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماڭدى. مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، شاڭخەي شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ياڭ يۈەنفېي پويىز ئىستانسىسىغا چىقىپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئۈچ يىللىق پىلان تۈزۈپ تارقىتىپ، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۈچ يىلدا <بەش بىر تۈركۈم> ئارقىلىق 150 مىڭ ئەمگەكچىنى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىشان-ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە شەھەر-يېزىلاردىكى 7173 نەپەر ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ياڭ يۈەنفېي ۋىلايىتىمىزدىن سىرتقا ئىشلەمچىلىككە بارىدىغان كىشىلەرنىڭ كارخانىلارغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ، كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت، شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.