باش بەت>قەشقەر

«ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى پاراۋانلىق، ساغلاملىق سەپىرى» تېمىسىدىكى خالىس دىياگنوز قويۇش پائالىيىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-03 13:58:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

سۈرەتتە: مۇتەخەسسىسلەر ئاغرىققا مەسلىھەت بەرمەكتە.

مۇخبىرىمىز جيا نانا خەۋىرى، فوتوسى: 6-ئاينىڭ 23-كۈنى «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى ــ پاراۋانلىق، ساغلاملىق سەپىرى» تېمىسىدىكى خالىس دىياگنوز قويۇش پائالىيىتى ۋىلايىتىمىزدە رەسمىي باشلاندى. دىڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىدىكى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تاشقى كېسەللىكلىرى، بوغۇم تاشقى كېسەللىكلىرى ۋە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى مۇنەۋۋەر دوختۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىدىكىلەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىدا خالىس دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىدىكى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تاشقى كېسەللىكلىرى، بوغۇم ياللۇغى تاشقى كېسەللىكلىرى ۋە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى مۇنەۋۋەر دوختۇرلىرى ئورتاق قاتناشتى، دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نېرۋا ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى ئىچكى ئەينەكتە مىكرو زەخمە ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئاغرىقلا تاللىنىپ، ئاخىرىدا داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان زور بىر تۈركۈم ئامما نەق مەيدانغا كېلىپ دىياگنوز قويدۇرۇپ، مەسلىھەت سوراشتى. مۇتەخەسسىسىلەر سەۋرچانلىق، ئەستايدىللىق بىلەن دىياگنوز قويدۇرغىلى، مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن ھەربىر كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، رېنتىگىن پىليۇنكىسى، CT پىليونكىسى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ، ئاغرىقلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، مۇتەخەسىسىلەر ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئاغرىقلىرىغا پەسىل خاراكتېرلىك ساغلاملىق، ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاغرىققا يېمەك-ئىچمەك ۋە داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىپ، ئاغرىقلارنى ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ داۋالاش، سەھىيە، مۇلازىمەت ئىشلىرى بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.