باش بەت>قەشقەر

رەڭگارەڭ گۈللەر بەس - بەستە ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-06 11:16:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ــ شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

يېتەكچى مۇخبىرىمىز: ۋاڭ جىخېڭ، مۇخبىرىمىز: چېن شىئەن 


سۈرەتتە: تۇنجى نۆۋەتلىك قەشقەر يەر شارى مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى.

شاڭخەي شەھىرى قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا يەرلىكنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتىنى قېزىشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، قەشقەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك شانلىق مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭخەينىڭ مەدەنىيەت قارىشى، كەسىپ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ۋە قەشقەر مەدەنىيىتىنى تەڭ جۇلالاندۇردى. بۇنىڭدا ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولغىنى «مەدەنىيەت يەتكۈزۈش»نى «مەدەنىيەت يېتىلدۈرۈش»كە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.

كىنو-فىلىم ئارقىلىق قەشقەرنى تونۇتتى

شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەشكە ياردەم بەرگەن «زەر ئاقىدىغان دەريا» 2016-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 19-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا قويۇلىدىغان كىنولار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋامىدىكى مەدەنىيەت مەھسۇلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ئۆلچەمدىكى خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

كىنودا پوسكام ناھىيەسىدىكى «جۇڭگودىكى ئەڭ پەزىلەتلىك كەنت ئەمەلدارى» ليۇ گوجۇڭنىڭ ھەقىقىي ئىش ئىزلىرى ماتېرىيال قىلىنىپ، سەنئەت شەكلىدە قايتا ئىشلەش ئارقىلىق قەشقەر يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر-خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋال ۋە شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ «ئاساسىي قاتلامغا يىلتىز تارتىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەش»تىن ئىبارەت شانلىق ئوبرازى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. جۇڭگو كىنو جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ كىنونى كۆرۈپ ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىپ، «بۇ ئېلىمىزدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇنجى فىلىم، ئۇ دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە، ئۇنى <دۆلەت كىنوسى> دېيىشكە بولىدۇ» دېيىشتى.

كىنولا ئەمەس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق شەكىلدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئالدىدا نامايان بولۇشقا باشلىدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرە، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىتنوگرافىيەلىك ئەسەر «قەشقەر ھەققىدە رىۋايەت» نامىدىكى يۈرۈشلۈك مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق مەدەنىيەت تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، جەمئىي 40 قىسىم، ھەر قىسمى بەش مىنۇت بولغان بۇ قىسقا فىلىم ئارقىلىق قەشقەر ھېكايىلىرى سۆزلەنگەن.

شاڭخەي شەھىرى مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە سۈرەتكە ئېلىش، رەپىتىس قىلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەرلىكنى مەنبە قىلغان مەدەنىيەت گېنىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كىنو-فىلىملەر ئارقىلىق قەشقەرنى تونۇتتى. مەسىلەن: كۆپچىلىك «نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە ھېكايە»نى ئوبدان بىلىدۇ، بۇ شاڭخەي گۈزەل سەنئەت، كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر كىلاسسىك يۈرۈشلۈك قونچاق كارتون فىلىمى بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 2018-يىلى يازدا «نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە يېڭى قىسسە» نامىدا قويۇلۇپ، كىلاسسىك گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ئەڭ ئىلغار كارتون تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلىنىپ كۆپچىلىككە سۇنۇلىدۇ.

«مەن ئەڭ قالتىس»تىن «بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش»كىچە

«نەسىردىن ئەپەندى»گە ئوخشاش تېمىلار ئىنتايىن كۆپ، قەشقەرنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئىتنوگرافىيەلىك خاسلىقىنىڭ ئۆزىلا مەدەنىيەت خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ.

ناخشا-ئۇسسۇلنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى «ياخشى» دەپ ماختىشىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان چوڭ تىپتىكى ئەنئەنىۋى كىلاسسىك مۇزىكىسى «12 مۇقام»نىڭ دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. 2016-يىلى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى، شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىدىكىلەرنى «12 مۇقام» ماتېرىيال قىلىنغان مۇزىكىلىك دىراما «ئاماننىساخان ھەققىدە قىسسە»نى بىرلىكتە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى،

ھەمدە شاڭخەيلىك ئارتىسلار يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلارغا رول ئېلىشنى ئۆگىتىپ، يەرلىكتىكىلەرنىڭ نادىر ئويۇنلارنى تەييارلىشىغا ياردەملەشتى، بۇ فىلىم يەكەن ۋە شاڭخەيدە قويۇلۇپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

شاڭخەيلىك ئارتىسلار يەكەنلىك ئارتىسلارنى، شاڭخەيلىك سېنارىستلار قەشقەردىكى خەلق سەنئەتكارلىرىنى يېتەكلەپ، مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى، بۇ خىل ئەندىزىدە مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، شاڭخەي شەھىرى مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ مەدەنىيەت گېنى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، «بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتمەكتە».شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۆمىكى قەشقەرگە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، يەنە شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەشكىللىگەن پىدائىيلار ئەترىتىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش تۈركۈمدە 15 ئادەم (قېتىم) نى قەشقەرگە كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلارنى پىلانلاش، لايىھەلەش، خادىملارنى تەربىيەلىشىگە ھەمدە قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «قەشقەردە مەن ئەڭ قالتىس» پىروگراممىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. بۇ پىروگرامما ھازىر قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزى ئىشلىگەن پىروگراممىلار ئىچىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى رېكورتىنى ياراتتى ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى مۇنـــەۋۋەر پىروگراممــــــا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «قەشقەردە مەن ئەڭ قالتىس» پىروگراممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، چوڭ تىپتىكى خىزمەت ئىزدەش تۈرىدىكى پىروگرامما «خىزمەت سىزنى كۈتمەكتە» نى ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان پىروگرامما «بېيىش يولى» .... قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى.

ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى، بۇ خىل ئورتاق ھەمكارلىق ئەندىزىسى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىجتىمائىي تەربىيە ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى داڭ شياۋبو مۇنداق دېدى: قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا تېلېفون ئۇرۇپ ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق شاڭخەيلىك «ئۇستاز» دىن تەلىم ئالىمەن، شاڭخەيلىك «ئۇستاز» خىزمەت جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى قەشقەردىكى كەسىپداشلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. بىر قانچە يىلدىن كېيىن قەشقەردىن كەتمەيدىغان مەدەنىيەت قوشۇنى ھاسىل بولۇپ، ئىزچىل داۋاملىشىدىغان مەدەنىيەت سەھنىسى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

تىل، مىللەت ھالقىغان سېھرىي كۈچ

شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ تەربىيەسىدە قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ماركىسى داڭق چىقاردى، تۇنجى بېكەت ئەلۋەتتە شاڭخەي بولدى.

2015»-يىللىق شاڭخەي-قەشقەر تەشۋىقات ھەپتىلىكى» مەزگىلىدە، «شاڭخەي-قەشقەر ھەمكارلىق مۇنبىرى»، «قەشقەرگە باغلانغان رىشتە» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، شاڭخەي-قەشقەر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇش يازلىق لاگېر پائالىيىتى قاتارلىق بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. «يىپەك يولىدىكى مەنزىلگاھ-جەلپكار قەشقەر» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى، شاڭخەي «شەرق» سەنئەت مەركىزى ۋە باۋشەن، مىنخاڭ قاتارلىق جايلاردا ئالتە مەيدان ئويۇن قويۇلۇپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. قەشقەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى، ئىتنوگرافىك مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى كىشىلەرنىڭ «قەشقەر مەدەنىيىتى» گە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

مەدەنىيەت ئالاقىسىدە ئورتاق ئىلگىرىلەش كۆزلەندى. شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەترىتى  بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلىنى چۈشەنمەسلىك ئەھۋالىنى تولۇق ئويلىشىپ، تىل توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان نادىر نومۇرلارنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدى. 2016-يىلى 4-ئايدا شاڭخەي ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ بازارلىق تىياتىر  «قىزىل ئىبىس» نى قەشقەردە ئورۇنلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى. 2016-يىلى 9-ئايدا شاڭخەي ياغاچ قونچاق تىياتىر ئۆمىكى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق»نى  قەشقەردە ئوينىدى. شۇ جايدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ياغاچ قونچاق تىياتىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن بولغاچقا، بالىلار پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن كىرىشىپ كۆرۈپ، ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ گاھ كۈلۈپ، گاھ قايغۇرۇشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلىم ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، قەشقەر دەرسخانىسى، قەشقەرشۇناسلىق تەتقىقاتى قاتارلىق سەھنىلەر ئارقىلىق، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شاڭخەيدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، قەشقەردە لېكسىيە ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىياتىغا چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، 2016-يىللىق شاڭخەي-قەشقەردىكى رەسسام، خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرى تەكلىپلىك كۆرگەزمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شاڭخەي ۋە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىدە شاڭخەي، قەشقەردىكى 131 نەپەر مەشھۇر رەسسام، خەتتات ۋە قەشقەردىكى گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ 88 پارچە گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ۋە 80 پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى. سەنئەتكارلار ئۆز قەلىمى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى جايدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئىتنوگرافىيە قۇرۇلۇشىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.

مەدەنىيەت رايون، مىللەت ھالقىغان ئالاھىدە سېھرىي كۈچكە ئىگە. كەلگۈسىدىكى، مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرى جۇڭخۇا مىللىتىگە ئورتاق، ئامما ياقتۇرىدىغان مودا مەدەنىيەت شەكلىنى داۋاملىق قازىدۇ ھەمدە ئىنتېرنېت شەكلى ئارقىلىق كۆپلەپ يېڭىلىق يارىتىدۇ. شاڭخەي بىلەن شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما چوقۇم كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز ئارا ھەمتۈرتكە بولالايدۇ.