باش بەت>قەشقەر

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-07 11:16:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ــ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە (شەھەر)دىن كەلگەن كادىر ئىختىساسلىقلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىدىن خاتىرە

يېتەكچى مۇخبىرىمىز: ۋاڭ ۋېنبو


سۈرەتتە: شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پەقەت يول ياساش، بىنا سېلىشلا ئەمەس. مەركەزنىڭ  2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

قانداق قىلغاندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، تۈرلەرنى ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، مۇھىت، سەھىيە، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئۆز ئارا ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قەشقەردىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شۇنىڭدەك يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك، دەيدىغان ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىگە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت مۇجەسسەملەندى

-2016يىلىدىن 2020-يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مارالبېشى ناھىيەلىرىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى) لىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، يەنە قەشقەر ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەردىن ھەر يىلى بىر تۈركۈم باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە ئىلىم-پەن باشلامچىلىرى شاڭخەيگە «سايە مەكتەپ مۇدىرى» بويىچە تەربىيەلىنىشكە بارىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «سايە مەكتەپ مۇدىرى» بويىچە تەربىيەلەش شاڭخەي شەھىرىنىڭ «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى ۋە ئىلىم-پەن باشلامچىلىرىنى شاڭخەيگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلارنى ئىلغار بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش، نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئوقۇش-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر تۈركۈم باشلامچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ــ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. مۇشۇ تەلەپكە ئاساسەن، تۆت ئۆلكە (شەھەر)  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى نۇقتىسىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يولغا قويدى. بۇ تۈرلەردە «13-بەش يىللىق پىلان»  مەزگىلىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال پىلانى زىچ چۆرىدەلگەن بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىندى.

پامىر ئېگىزلىكى، قەشقەر بوستانلىقلىرىدا، تۆت ئۆلكە (شەھەر) يولغا قويغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاي  قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە (شەھەر) دىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىللىقلىق ۋە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردى. مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىن «باھار غۇنچىلىرى» قۇرۇلۇشىغىچە، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت يېتىشتۈرۈشتىن ئەلا نەسىللىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدىن تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكىچە ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئامما ھەر بىر تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. بۇ تۈرلەردىن چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى شېنجېن شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق ھېس قىلدى.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا سەمىمىي ھېسسىيات ئىپادىلەندى

ئاپتونوم رايوننىڭ «2016-يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنىڭ 27 تۈرلۈك تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چىن مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق ياخشى ئىشلەشكە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، يەرلىكتىكى ئامما بىلەن بولغان ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينى ئۆز يۇرتى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئاممىنى تۇغقانلىرى دەپ ھېسابلىدى. ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەردىكى 100 ياشتىن ئاشقان پېشقەدەملەرنىڭ بېيجىڭغا بېرىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بەردى؛ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئۆزى پۇل چىقىرىپ نامرات ئائىلىلەرنى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش غېمىدىن خالاس قىلدى؛ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، يىراق يېزا، كەنتلەردە خالىسانە كېسەل كۆردى . . . تۆت ئۆلكە (شەھەر) نىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغاندىن باشقا،  ھەر بىر كىچىك ئىشتىن، ئەمەلىي ئىشتىن باشلاپ قول سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئامما بىلەن ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا  ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ئۈندىدار توپىدا شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئامما سىردىشىدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلدى، بۇ ئەھۋال ئۇلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ نەزەرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش بىر خىل بەختلىك ھەم ئىپتىخارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

چەكلىك بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋاقتى ئىچىدە قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇلارنىڭ ئارزۇسى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەردە تۆت ئۆلكە (شەھەر)دىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. نامرات ئائىلىلەرگە بارغاندا، ئۇلار تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلىدى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزدى.

يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ليۇ شياۋفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلار بىلەن تونۇشتۇم. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى يېڭىشەھەر ناھىيە تازغۇن يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئەخمەتجان مەمەت ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر ماڭا تېلېفون قىلىپ، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان نېمىشقا ئۇلار بىلەن بىللە پۇتبول ئوينىمىغانلىقىمنى سورىدى. راستىنى ئېيتقاندا، تۈرلۈك ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا، بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك، دەم ئالىدىغان ۋاقتىمىز ئىنتايىن ئاز، شۇنداقتىمۇ «پۇتبولچى بۇرادەرلەر» بىزنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بەك سۆيۈندۈم.

ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى

شەندۇڭ ئۆلكىسى 1997-يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە باشلىغان، ھازىرغىچە توققۇز تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن قەشقەرگە ياردەم بېرىشنى باشلىغان  ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق يەرلىكتىكىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى، ھازىر، شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھى قەشقەردە تولۇق كەسىپ زەنجىرىلىك توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپ بازىسى بەرپا قىلدى. «رۇيى» گۇرۇھىنىڭ قەشقەرگە ماكانلىشىشى 26 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بولۇپ، توقۇمىچىلىق ساھەسى ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى كەسىپكە ئايلىنىدۇ، كەلگۈسىدە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنى ئاساسلىقى يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن قوبۇل قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي، شېنجېن شەھەرلىرىمۇ قەشقەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ باردى، بۇ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق كەسىپ تۈرى  شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قەشقەر مېتالچىلىق چەكلىك شىركىتى، شېنجېن شەھىرى قەشقەردە قۇرۇشقا ياردەم  بەرگەن تۇنجى تۈر  قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قەشقەر مېتالچىلىق چەكلىك شىركىتى شۇ جايدا مىليون توننىلىق پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، شۇ جايدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى قەشقەر مېتالچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى -خىزمەتچى ئومۇمىي ئىشچى-خىزمەتچى سانىنىڭ % 97 ىنى ئىگىلەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، زور بىر تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلالايدىغان» ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

نۆۋەتتىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قارىتا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: جايلار، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)لەر «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە سىڭىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

بۇ يىل تۆت ئۆلكە (شەھەر) ئىچكى جايلاردىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقە، سۆزلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزى ياردەم  بېرىش بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتەك ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى؛ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ياردەم بېرىش، يۆلەش، ئومۇملاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ سەھىيە تارماقلىرىدىكى كەسپىي تايانچلار ۋە باشقۇرۇش تايانچلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ قىسقا ياكى ئوتتۇراھال مۇددەتلىك بىلىم ئاشۇرۇش، تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋەتتى؛ «ياش پەن-تېخنىكا قابىللىرىنى تەربىيەلەش پىلانى» قاتارلىق ئالاقىدار ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى داۋاملىق قانات يايدۇردى؛ «قوشماقلاردىن بولۇش، تۇغقانلاردىن بولۇش، دوستلىشىش، قول تۇتۇتۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ دائىملاشقان باردى-كەلدىسى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىيات ئورتاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە (شەھەر)دىكىلەر بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ۋە ئامما  ئارىسىدا ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار پۈتۈنلەي شۇ جايغا سىڭىشىپ، شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئوخشاش قوشماقلىشىپ تۇغقانلاردىن بولۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئائىلىلەرگە قەرەللىك ھالدا زىيارەتكە كىرىپ، ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. تۆت ئۆلكە (شەھەر) «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككىدە قوشماقلىشىپ، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى ۋاسىتە قىلىپ، ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىر قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدا شىنجاڭغا ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلاندى. بۇ قىممەتلىك، ئۇنتۇلغۇسىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېسسىياتىغا شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ۋەتەن، خەلققە بولغان ساپ قەلبى، سۇ بىلەن بېلىقتەك قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھر-مۇھەببىتى سىڭگەن. تۆت ئۆلكە (شەھەر)نىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلەتتى.