باش بەت>قەشقەر

«كارخانىغا ئىشقا ئورۇنلاشقىنىمىز بەك ياخشى بولدى»

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-08 18:42:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 73 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ جۇڭگو تۇزچىلىق باش شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىدىن خاتىرە

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: چېن چياڭۋېي

7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10 دا، مەخمۇت تۇرغۇن جۇڭگو تۇزچىلىق باش شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتى قەشقەر تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە دەل ۋاقتىدا ئىشقا چىقتى. بۇ كۈنى ئۇ سەپلەپ يەتكۈزۈلىدىغان ئاش تۇزىنىڭ مىقدارى ۋە ئادرېسىنى سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەمراھى بىلەن تۇز يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەخمۇت تۇرغۇن ھەر كۈنى دەل ۋاقتىدا ئىشقا چىقىدىغان ۋە ئىشتىن چۈشىدىغان تۇرمۇشقا ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدى.

بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن مەخمۇت تۇرغۇن پەيزاۋات ناھىيەسى گۈللۈك يېزىسى ھالقاكۆل كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى دۆلەت كارخانىلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ جۇڭگو تۇزچىلىق باش شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتى قەشقەر تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر ئىشچىسىغا ئايلاندى.

مەخمۇت تۇرغۇن مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكىمدىن بەك خۇشال بولدى، مەن شىركەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، ئاتا-ئانام ماڭا تىرىشىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىشنى قايتا-قايتا جىكىلىدى.

مەخمۇت تۇرغۇن ئۆيدىكى تۆت بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانىدى. كېيىن ئۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى. لېكىن، بۇ مۇقىم خىزمەت بولمىغاچقا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ خىزمەت ئىشىدىن ئىزچىل خاتىرجەم بولالمىغانىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەخمۇت تۇرغۇن دەرھال ئۆزىنى تىزىملاتتى، تەربىيەلىنىش، تاللىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

مەخمۇت تۇرغۇن مۇنداق دېدى: شىركەتكە كەلگەندىن كېيىن، بىزگە تەييارلانغان ئاشخانا، ياتاقلارنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم. مەخمۇت تۇرغۇن ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەمگە بىردىن يالغۇز كىشىلىك كارىۋات قويۇلغانىدى. ياتاقنىڭ ئايرىم تازىلىق ئۆيى، ئاشخانىسى بولغاندىن باشقا، يېڭى يوتقان-كۆرپە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، شىركەتنىڭ بۇ خىل ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى مەخمۇت تۇرغۇننى بەكمۇ خۇشال قىلدى.

ھازىر مەخمۇت تۇرغۇن ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كومپيۇتېر، خەنزۇتىلى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شىركەت تەشكىللىگەن تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن باشقا، كۆپرەك ماھارەت ئۆگىنىپ، خىزمەتتە تېخىمۇ يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرىمەن.

5-ئاينىڭ 25-كۈنى روزاجى توختىمۇ مەخمۇت تۇرغۇنغا ئوخشاش جۇڭگو تۇزچىلىق باش شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتى ئاتۇش تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن روزاجى توختى پەيزاۋات ناھىيەسى شاپتۇل يېزىسى تىم كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۆيدىكى بەش بالىنىڭ چوڭى ئىدى، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانىدى. بۇ قېتىم ئاتۇشقا بېرىشى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى ئىدى.

ئاتۇش تۇزچىلىق شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن روزاجى توختى ۋە ئۇنىڭ باشقا 23 نەپەر خىزمەتدىشى تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولۇپ، ئوراپ-قاچىلاش سېخىغا ئىشقا چۈشتى. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇ تۇنجى ئايلىق مائاشىنى ئالدى، سۇغۇرتا قاتارلىق تۈرلۈك ھەقلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قولىغا يەنە 4000 يۈەن پۇل ئاشتى. روزاجى توختى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى : كارخانىغا ئىشقا ئورۇنلاشقىنىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى، مەن 2500 يۈەننى ئاتا-ئانامغا بەردىم، يەنە ئاتا-ئانامغا كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەردىم، ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولدى.

بىر ئايدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئاتۇش تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدىرى يىن ۋېنشى بۇ 23 نەپەر يېڭى ئىشچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىنى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئىش ئورۇنلىرىمىزدا ئىشلىگەن ئىشىغا قاراپ مائاش بېرىلىدۇ، ئىشلىگەن ئىشى قانچە كۆپ بولسا كىرىمىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەڭ جاپالىق بولغان تۇز كۆلى ئىش ئورنىغا يېڭى ئىشچىلار ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىملاتتى.

بۇ يېڭى ئىشچىلارنى ياخشى بولغان خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئاتۇش تۇزچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇلارنى ئىككى كىشىلىك ياتاق، پائالىيەت ئۆيى، قىرائەتخانا قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. روزاجى توختى مۇنداق دېدى:  ياتاققا كىرگەندە ھەيران قالدىم، ئۆزۈمنى گويا مېھمانسارايغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

مەخمۇت تۇرغۇن بىلەن روزاجى توختى جۇڭگو تۇزچىلىق باش شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قوبۇل قىلغان 73 نەپەر يېڭى ئىشچىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ، بىر ئايدىن كۆپرەك كەسپى ئىشچىلىق تۇرمۇشى بۇ ياشلارغا يېڭىچە تۇرمۇش ئاتا قىلدى.

جۇڭگو تۇزچىلىق باش شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ گۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 73 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ جۇڭگو تۇزچىلىقى باش شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك تۆت كارخانىسىغا ئىشقا چۈشكىنىگە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كارخانىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان، ئۇلار يېڭى خىزمەت مۇھىتىغا كۆنۈپ، يېڭى تېخنىكا-ئىقتىدار ئۆگىنىپ، دېھقاندىن ئاستا-ئاستا كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلانغان.

ياڭ گۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز جەنۇبى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنى كارخانا مەدەنىيىتى ۋە زامانىۋى تېخنىكا-ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق ھەر بىر ئىشچىدا توغرا بولغان قىممەت قارىشى ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇسى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ بايلىق يارىتىش، يېڭى تۇرمۇش بەرپا قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.