باش بەت>قەشقەر

قەشقەر خەلقىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-09 16:33:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ـــ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە (شەھەر)نىڭ ۋىلايىتىمىزنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىنى قوللىغانلىقى توغرىسىدا

يېتەكچى مۇخبىرىمىز: ۋاڭ ۋېنبو، مۇخبىرىمىز: چېن شىئەن


-2017يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى «فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە 2017-يىللىق <يورۇقلۇق سەپىرى>» پائالىيىتى پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا باشلاندى، بۇ پائالىيەت فوشەن شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى كارخانىچىلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئىئانە قىلىنغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇمنىڭ سوممىسى 400 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يەرلىكتىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن 1000غا يېقىن نامرات ئاغرىقنىڭ داۋالىنىش راسخوتى ھەل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىلدى.

مەركەزنىڭ  2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك 4-، 5-قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلغاندىن كېيىن، شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە (شەھەر)، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، خالىس ياردىمى، تۆت ئۆلكە (شەھەر)نىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى.

مەبلەغ ۋە تۈر جەھەتتە ياردەم بېرىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خىزمەت ئاساسى پۇختىلاندى

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى، ياپچان بازىرى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سېيتلە يېزىسى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ شېھىتدۆڭ يېزىسىغا بارسىڭىز يېڭىدىن سېلىنغان تۆت مەركىزىي شىپاخانىنىڭ بارلىق بىنا-ئىمارەتلىرىنىڭ پولات چىۋىق-بېتون قۇرۇلمىلىق، سىرتقى لايىھەسىگە يەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە رەڭلەر ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ھەم مۇستەھكەم، يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ھەم ئېسىل، كۆركەم ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. تۆت يېزا (بازار)لىق شىپاخانىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ سېلىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشى يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش شارائىتى ۋە مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئاغرىقلارغا قولايلىق يارىتىپ، چوڭ كېسەللىكلەرنى يېزىدىن چىقمايلا داۋالاتقىلى بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. تۆت يېزا (بازار)لىق شىپاخانا يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ سېلىنغاندىن كېيىن، 400 نەچچە كېسەل كارىۋىتى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئامبۇلاتورىيەدە تەكشۈرتىدىغانلار سانى %25، بالنېتسىدا يېتىپ داۋالىنىدىغانلار سانى %70 تىن كۆپرەك ئېشىپ، دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالىنىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى. بۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سەھىيە ۋە داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان تۆت ئۆلكە (شەھەر)نىڭ سەھىيە-داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلىغانلىقىنىڭ كارتىنىسى.

-2010يىلىدىن بۇيان تۆت ئۆلكە (شەھەر) سەھىيە ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە جەمئىي 1 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، بۇ، سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، شۇنداقلا ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، كەسىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسى: 248 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۆت ناھىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش مەركىزى، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى، يېزا (بازار)لىق شىپاخانىلارغا 56 دانە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى سەپلەش، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان تۆت ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەركىزى قۇرۇش ھەمدە تۆت ناھىيەدە «شەندۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا ياردەم بېرىش تۈرى» خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا ياردەم بېرىپ، ۋىلايەتلىك ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكى دوختۇرخانىسى ۋە تۆت ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈسكۈنە كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. شاڭخەي شەھىرى: 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسى ۋە يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مارالبېشىدىن ئىبارەت تۆت ناھىيەدە سەھىيە جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭىچە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇردى. «ئۈچنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى ئۆستۈرۈش» تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام تېببىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە ساھەدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى: 161 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى ناھىيەنىڭ ناھىيە، يېزىلىق دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللىدى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىدى. بولۇپمۇ كونىشەھەر ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى تۈرى بۇ ناھىيەنىڭ ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. شېنجېن شەھىرى: 241 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي شەھەر رايونى شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ بېزەش ۋە باشقا قوشۇمچە تۈرلىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىنى قوللاپ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت قىلىش ۋە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى. تۆت ئۆلكە (شەھەر) ۋىلايىتىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەشكە زور مىقداردا مەبلەغ سالدى، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەنگە يېتىپ، نۆۋەتتە ئالتە تۈر تاماملىنىپ، 70 تۈرگە ئىش باشلىنىپ، 50 تۈرگە خېرىدار چاقىرىلىپ، 44 تۈرگە ئىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

-2013يىلى 8-ئايدا شاڭخەي «شىنخۇا» دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ تاۋ 8-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەرگە كېلىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەكشۈرۈش، پىلانلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 2014-يىلى 1-ئايدا، ئۇ رەسمىي تۈردە ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. «شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار قانچىلىك ئاغرىقنى قۇتقۇزالايدۇ؟»، شاڭخەي شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ۋۇ تاۋغا نىسبەتەن،«3-A» دەرىجىلىك دوختۇرخانا بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىش تاماملانغان، يەرلىكنىڭ باشقۇرۇش قوشۇنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋىلايەتلىك خەلق 2- دوختۇرخانىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يەنىلا ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان ئەترىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج ئىدى. شۇڭا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇزۇن سەپىرىدە «بېلىق بېرىشتىن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش» تېخىمۇ مۇھىم.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تۆت ئۆلكە (شەھەر) تۈرلۈك ئۇزاق ۋە قىسقا مۇددەتلىك سەھىيە جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىختىساسلىقلىرىدىن 1222 ئادەم (قېتىم)تاللاپ ئەۋەتىپ، 472 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، 40 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە ئىشلەپ، 1429 تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆپ تۈردىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇرغان. تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش شەكىللىرىدە ۋىلايىتىمىز ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدا تەربىيەلەپ بەرگەن پەن-تېخنىكا باشلامچىلىرى ۋە كەسىپ تايانچلىرى 1900 دىن، ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەربىيەلەنگەن تۈرلۈك سەھىيە كەسپىي تېخنىكا خادىمى 55 مىڭدىن ئاشقان. ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە قان يەتكۈزۈش شەكلى قان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار-سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلگەن.

شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆز ئۆلكە (شەھەر) سىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، ۋىلايەتلىك خەلق 1-، 2-دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ساھە ۋە ئەۋزەل ساھەلىرىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىككى دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. شاڭخەي شەھىرى 3- Aدەرىجىلىك يەتتە دوختۇرخانىغا تايىنىپ، ۋىلايەتلىك خەلق 2- دوختۇرخانىسىغا ئۆمەك شەكلىدە ياردەم بېرىپ، يەتتە كىلىنىكا مېدىتسىناسى مەركىزى قۇرۇپ، شاڭخەي جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش مەركىزى، تەكشۈرۈش مەركىزىنى قۇرۇشقا بىرلىكتە تەييارلىق قىلدى. 2016-يىلى ISO15189» مېدىتسىنا تەجرىبىخانىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىدارى دۆلەت ئۆلچىمى ئېتىراپنامىسى» بويىچە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ نەق مەيداندا باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت (ئوبلاست) دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بويىچە تۇنجى بولۇپ بۇ ئۆلچەمگە يەتكەن دوختۇرخانا بولۇپ قالدى. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېببىي تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

-2017يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى، ۋىلايەتلىك خەلق  2-دوختۇرخانىسىنىڭ ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت پونكىتىغا داغدۇغىلىق ۋېۋىسكا ئېسىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە جۇ لياڭفۇ، دەي كېرۇڭ، گې جۈنبو، جاڭ جىيۈەندىن ئىبارەت تۆت ئاكادېمىك ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ ھەر قايسى تېببىي ساھەلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنى جەلپ قىلىپ، ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى زور مەدەتكە ئىگە قىلدى. دائىملاشقان ئۆمەك شەكلىدىكى ئوقۇتۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسى ئۈچۈن كۆپلىگەن پەن-تېخنىكا باشلامچىسى، ئىلىم-پەن تايانچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى مەۋقەنى ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كۆپ خىل ياردەم بېرىش، يۆلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمدىن 25 نى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەخسۇس پەرۋىش، يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن ئىككىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بىر نەپەر دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، 25 ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تېبابەتچىلىك پوستدوكتور خىزمەت پونكىتى قۇردى ھەمدە جۇڭگو تېبابىتى مەلىكىلىك سىستېمىسى «2+3»، «100 نەپەر مەخسۇس بۆلۈمنىڭ پەرۋىش قابىللىرى» تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى. تۇنجى AHA خەلقئارادا دەلىللەنگەن جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش مېدىتسىناسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۇر مەركىزى ۋىلايەتلىك خەلق1-دوختۇرخانىسىغا ماكانلاشتى ھەمدە «گۇاڭدۇڭ  شېنجېن داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى <چوڭ ئۆمەك شەكلى>دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، گۇاڭدۇڭ جەنۇب تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى، ئوقۇش راسخوتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى قولغا كەلتۈردى، ۋىلايەتلىك خەلق 1-، 2-دوختۇرخانىلىرىدا ئاسپىرانتلار سىنىپى تەسىس قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىن 110 نەپەر تېببىي ئىلىم ئاسپىرانتىنى تەربىيەلەشنى پىلانلاپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقىرى ساپالىق سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى X+1»»داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ۋە «مۇتەخەسسىسلەر ئۆمەك باشلاش»، «قوشماقلىشىپ يېتەكلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش»، «تۈر ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش»تىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئۈچ يېتەكلەش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، تېببىي ئىشلارغا ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىش بىلەن قىسقا مۇددەت ياردەم بېرىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى كۆپ كۆرۈلۈشتەك كەسكىن ۋەزىيەتكە قارىتا، «شەندۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ياردەم بېرىش تۈرى»نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. شېنجېن شەھىرى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، بالنېتسا تەكشۈرۈشنى ئۆگىتىش، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، تىپىك ۋە گۇمانىي، قىيىن كېسەللىك مىسالى، سۈرەتنى شېنجېن شەھىرىدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان دوختۇرخانىلارغا يىراق مۇساپىلىق ئەۋەتىپ، دوختۇرخانىنىڭ خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە گۇمانىي، قىيىن ئوپېراتسىيەلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

ياردەم بېرىشتە داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۆمەك شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى زورايتىلدى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر، پەيزاۋات ناھىيەلىرى ۋە بىڭتۈەن 3-شىسىگە، شېنجېن شەھىرى (پىلانى ئايرىم تۈزىلىدۇ) قەشقەر شەھىرى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بەردى. داۋالاش، سەھىيە جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساھەسىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى باشلامچىلىق بىلەن داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ئۆمەك شەكلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىدا نۇقتىلىق بۆلۈم قۇرۇش ۋە يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «دوختۇرخانا بۆلۈم، ئىشخانىلارغا ياردەم بېرىش» ئەندىزىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا نۇقتىلىق مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈمى قۇرۇشنى كۈچەيتتى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى ئىككى جايدىكى دوختۇرلار، ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، ئىككى ئۆلكە (شەھەر)نىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆمەك شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قانات يايدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىۋاسىتە داۋالاش ئاپپاراتى ۋە گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق توققۇز شەھەردىكى 100 نەچچە داۋالاش، سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك بېرىكتۈرۈپ، ئىلمىي مۇھاكىمە، مۇرەككەپ، ئېغىر كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش، مەخسۇس كېسەللىكلەر بۆلۈمى قۇرۇشقا ياردەم بېرىش، تايانچ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە توردا يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش-داۋالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قەرەللىك تۈردە قانات يايدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ۋە تېخنىكا بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ۋە قەشقەر شەھىرى، كونىشەھەر، پەيزاۋات، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىلىرى، شۇنداقلا بىڭتۈەن 3-شى دوختۇرخانىسى، تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت  ياردەمگە ئېرىشىدىغان  سەككىز دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە دىياگنوز قويۇش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ،  ۋىلايەت دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ رايون داۋالاش مەركىزى بولۇشتەك ئىقتىدار ئورنىنى بېكىتىش ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ رايون ئىچىدىكى ئاساسىي داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دەرىجىگە بۆلۈپ دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ۋە ساغلاملاشتۇرۇش، داۋالاش بايلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلارنىڭ داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كىچىك كېسەللىكلەرنى يېزىدىن چىقماي تۇرۇپ، چوڭ كېسەللىكلەرنى ناھىيەدىن چىقماي تۇرۇپ، مۇرەككەپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنى ۋىلايەتتىن چىقماي تۇرۇپ داۋالىتىش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشتى.

بۇخىل ئۈنۈم ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. قەشقەرنىڭ زېمىنى كەڭ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش، سەھىيە بايلىقلىرى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا،  تۆت ئۆلكە (شەھەر) داۋالاش جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، ئۆلكە (شەھەر)لەردىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ سەييارە دىياگنوز قويۇشقا قەرەللىك ياكى قەرەلسىز تەشكىللەپ، يەرلىكتىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش تېخنىكىسىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەپ، داۋالاش جەھەتتە ياردەم بېرىشنىڭ  قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. 2016-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، تۆت ئۆلكە (شەھەر)نىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى  ئارقا سەپ بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، 13 داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ياردەم بېرىپ، خادىم، ئۈسكۈنىلەر يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. تۆت ئۆلكە (شەھەر) يەنە يىراق مۇساپىلىق بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مەخسۇس داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ئۆمەك شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىگە مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىراق مۇساپىلىق دىياگنوز قويۇش-داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق دوختۇرخانىلارنى باشلامچى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە تېببىي ئىلىمنى دوختۇرخانا قۇرۇش نۇقتىسى قىلغان نۇقتىلىق مەخسۇس كېسەللىكلەر بويىچە ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ناھىيە، يېزا دوختۇرخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى ئىشىكى ئالدىدىلا يۇقىرى سەۋىيەلىك دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، كىچىك كېسەللىكلەرنى يېزىدىن، چوڭ كېسەللىكلەرنى ناھىيەدىن چىقماي تۇرۇپ داۋالىتىش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.