باش بەت>قەشقەر

«ئۆيدىن چىقمايلا پۇل تاپالايدىغان بولدۇق...»

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-09 17:40:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ــ كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى زىيارەت

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز: ما شۈن، زورىگۈل تۇردى خەۋىرى، مۇخبىرىمىز: جاڭ خۇاۋېى فوتوسى

يېقىندا كونىشەھەر ناھىيە ئوغۇساق بازىرىنىڭ ھىلاكۇ كەنتىگە جايلاشقان گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا 400-500 توكىسكىلىت تۆت رەت قىلىپ رەتلىك توختىتىلغانىدى. بازىدىكى قەشقەر «ۋەنۋېي» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچى ئارزۇگۈل تۇرسۇن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئارزۇگۈل تۇرسۇن ھىلاكۇ كەنتىلىك دېھقان بولۇپ، ئىلگىرى تيەنجىندىكى پەلەي زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ھازىر ئۇ گۈرۇپپا باشلىقى بولۇپ، ھەر ئايدا 1200 يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققى ئالالايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن، زاۋۇتتىكى تۇنجى تۈركۈمدە 1-بولۇپ ئىش ئورنىغا چىققان ئايال ئىشچى بولدۇم، داۋاملىق تىرىشىپ، تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنلىرىمنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن.


سۈرەتتە: ئىشچىلار قونچاق تىكمەكتە.

«ۋەنۋېي» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن گاڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بۇ يىل 1-ئايدا بازىغا ماكانلىشىپ، 160 تىن كۆپرەك دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىرو ماگنىتلىق ھالقا ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا سېتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە، كورېيەگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ، ئايلىق زاكاز 200 مىڭ دانىدىن ئاشىدۇ.

كونىشەھەر ناھىيەلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرىمانگۈل ئەخەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىنى قۇرۇشقا گۈاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياردەم بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە، نەچچە ئون كارخانا ماكانلىشىپ، ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەردىكى 3000 دىن كۆپرەك دېھقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «سىكې» ئېلېكتىرون گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى سۇ شاۋشى سەۋەبنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى: بىرىنچىدىن، ئەتراپتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى كۆزلەش؛ ئىككىنچىدىن، يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆزلەش؛ ئۈچىنچىدىن، ئېتىبارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شىركىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىدىكى جايلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا چىقىرىلىدىغان بولۇپ، دېڭىزدا توشۇش ۋاقتىلا نەچچە ئاي داۋاملىشاتتى، ھازىر، قەشقەردىن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق توشۇشقا ئون كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. نۆۋەتتە، «سىكې» ئېلېكتىرون گۇرۇھىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى باش ئىشتاب بازىسىدا 2000دىن كۆپرەك كىشى، بازا ئەتراپىدىكى ئون ھەمراھ زاۋۇتتا 1500دىن كۆپرەك كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.


سۈرەتتە: «سىكې» ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ تېخنىكى ئىشچىلارغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

بازىغا جايلاشقان قەشقەر «جىنچېڭ» كىيىم-كېچەك شىركىتىگە كەلگىنىمىزدە، شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ ئايلىق ئىش ھەققى تارقىتىلىۋاتقانىكەن.

ئازادە ئىشخانىدا باش جىڭلى لى ۋېنجيې بىلەن مالىيە خادىملىرى ئۈستەلگە توپ-توپ نەق پۇلنى تېزىۋالغان بولۇپ، ئايال ئىشچىلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئىش ھەققى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانلار ئىشىك ئالدىغىچە تىزىلغانىدى. لى ۋېنجيې مۇنداق دېدى: ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىغا ئاساسەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى 1448 يۈەن بولۇپ، بۈگۈن زاۋۇتتىكى 305 نەپەر ئىشچىغا جەمئىي 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تارقىتىلىدۇ.

تاشمىلىق يېزىسىدىن كەلگەن بۇخلىچىگۈل ئابدۇرۇسۇل ئىشنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئەستايىدىل قىلىدىغان بولۇپ، ئىش ھەققى ئايال ئىشچىلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئىدى، ئۇ بۇ قېتىم 1800 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: زاۋۇتنىڭ تەمىناتى ئىنتايىن ياخشى، بىزنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىپلا قالماي، چۈشلۈك تامىقىمىزغىمۇ ئىگە بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەن ئىنتايىن خۇشال.

زىيارەتتە بىللە بولغان كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ مىن مۇنداق دېدى: پەقەت بۇلا ئەمەس، نۇرغۇن ئايال ئىشچىلار بالىلىرىنى زاۋۇتقا بىللە ئېلىپ كېلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا مەخسۇس يەسلى بار.

بازىدىكى يەسلىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2280 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. سىنىپلار كۈنگەي بولۇپ، پاكىز، رەتلىك، مۇھىتى ئازادە. سىنىپنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەنلا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان نەچچە ئون بالا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلىدا سالام بەردى ھەمدە قولىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، يۈرەكنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ، ئوماق ھەرىكىتى ئارقىلىق قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەسلى باشلىقى جاڭ مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يەسلىدە جەمئىي 158 بالا بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ بالىلىرى. بالىلار ئىككى ئوتتۇرا سىنىپ، ئىككى كىچىك سىنىپقا ئايرىلغان، بەش نەپەر مەخسۇس ئوقۇتقۇچى، تۆت نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمى سەپلەنگەن. بالىلاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق راسخوتىنى ئۈچ يىللىق تەييارلىق مائارىپىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 2800 يۈەن چىقىم قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ناھىيە مالىيەسى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. نۇرىمانگۈل ئەخەت مۇنداق دېدى: بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ، ئىشچىلارنىڭ غەم-ئەندىشىشىنى تۈگىتىپ، ئۇلارغا خاتىرجەم ئىشلەش شارائىتى يارىتىپ بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئىشچىلار ئەتىگەندە بالىسىنى توكىسكىلىت بىلەن ئېلىپ كېلىپ، ئاۋۋال بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈۋېتىپ، ئاندىن زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيدۇ. چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشكەندە بالىسىنى ئېلىپ خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى ئەتراپىدىكى ھەمراھ زاۋۇتلارمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. نۇرغۇن دېھقان ھەمراھ زاۋۇتتا تەربىيەلىنىپ، ئىنتايىن تېزلا تېخنىكا ئىگىلەپ، ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. «سىكې» ئېلېكتىرون گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ بىر قىسىم ئاددىي ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى قولدا ياساشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دېھقانلار ۋاكالىتەن ئىش قوشۇش شەكلى ئارقىلىق قۇراشتۇرۇلىدىغان ئاددىي ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىلىدۇ. ئاددىي تەربىيەلەش، قەرەللىك مال يەتكۈزۈش، سۈپىتىگە ئاساسەن مەھسۇلاتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش، سانىغا ئاساسەن ھەق ھېسابلاش شەكلى ئارقىلىق دېھقانلار ئۆيىدە تۇرۇپلا كىرىم قىلالايدۇ.

ھىلاكۇ كەنتىلىك ئاتىگۈل تۇردى بۇ يىل 46 ياش بولۇپ، 10 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىز ئۆيىدىن يول تەرەپكە ئىشىك ئېچىپ دۇكان قىلىۋالغان. باشقا دۇكانلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ دۇكاننىڭ تېمىغا «ئېلېكتىرونلۇق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار ئائىلىۋى ئىشلەپچىقىرىش سېخى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختا ئېسىلغان. ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ ئېرى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان، ئۆزى «سىكې» ئېلېكتىرون گۇرۇھىنىڭ ئاددىي مەھسۇلاتلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قوشۇۋاتقانىكەن.


سۈرەتتە: ئىشچىلار مەشغۇلات ئۈستىدە.

ئاتىگۈل تۇردىغا ئوخشاش، 43 ياشلىق ئابلىمىت يۇنۇسنىڭ ئۆيىمۇ « دېھقانلار ئائىلىۋى ئىشلەپچىقىرىش سېخى» ئىدى. ئابلىمىت يۇنۇس مېيىپ بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، ئائىلىسى نامرات ئىدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى قەۋەتلىك ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك تولۇقلىما ۋە ئېتىبارلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. ھازىر بىكار ۋاقتى بولسىلا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئۆيىدە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتقا ئىش قوشىدۇ، بىر كۈندە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بەش-ئالتە مىڭ زاپچاسقا ئىش قوشالايدۇ. بىر تال زاپچاسقا بىر پۇڭدىن ھېسابلىغاندا، ئىككىيلەن مۇشۇ تۈردىنلا ئېيىغا 1500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ. نۆۋەتتە، «ئېلېكتىرونلۇق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار ئائىلىۋى ئىشلەپچىقىرىش سېخى»دىن ھىلاكۇ كەنتىدە 40 نەچچىسى، ناھىيە بويىچە 100 نەچچىسى بار بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە 2000 غا يەتكۈزۈشتىن ئۈمىد بار.


سۈرەتتە: ئىچكى جايلارغا توشۇلىدىغان مەھسۇلاتلار ئوراپ قاچىلانماقتا. 

نۇرىمانگۈل ئەخەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان كونىشەھەر ناھىيەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چۆرىدەپ، «كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە ھەل قىلىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش» تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتتى. ئاپتونوم رايون مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە «بەش بىر تۇتاش» نى ئەمەلدىن قالدۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ياخشى» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، زور بىر تۈركۈم دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.