باش بەت>قەشقەر

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى نەتىجىلىرى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى» قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 11:15:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

سۈرەتتە: مارالبېشى ناھىيە چارىباغ بازىرىنىڭ كۆكچۆل كەنتىدىكى ئامما كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەرنى كۆرمەكتە.

مۇخبىرلىرىمىز نۇربىيە ئىمىن، پەرىدەم مەخەت، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر) لەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئومۇمىيۈزلۈك ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن،  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە (شەھەر)نىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئشىتابلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان سۈرەتلەرنى توپلاپ، ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2855 پارچە سۈرەتتىن «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى نەتىجىلىرى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى»نىڭ يۈرۈشلۈك تەشۋىقات ئاسما سۈرەتلىرىنى تەييارلاپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە)لەرگە تارقىتىپ بەردى. كۆرگەزمىنى كۆرگەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ خالىس تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچەيدى.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسىدىن ئابدۇقادىر سادىر مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا خام خىش قۇرۇلمىلىق كەپە ئۆيدە ئولتۇراتتىم، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ ياردىمىدە خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردىم. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەر ھەقىقەتەن ياخشى تارتىلىپتۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ خالىس ياردىمىدە، تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. شەھەر قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، مانا ھازىر ھەممىمىز دېگۈدەك يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، تۇرمۇشىمىز پاراۋان. شاڭخەي شەھىرىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

كونىشەھەر ناھىيە ئوپال يېزا ئاقئۆستەڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غېنى ساۋۇر كەنت ئاھالىلىرىگە بۇ قېتىمقى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىنكى ھېسياتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى كونىشەھەر ناھىيەسىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ناھىيەنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

بولۇپمۇ گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى قۇرۇلۇپ كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۇپ، كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە پائالىيىتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ 2000دىن ئارتۇق كەنت (مەھەللە)لىرىدە ئاھالىلەر كۆرۈشكە تەشكىللەنگەن. كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ 1-شۇجى ۋە شۇجىلىرى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل قىلىنغان. كۆرگەزمىدە كونا-يېڭى سۈرەتلەر سېلىشتۇرما قىلىنىش  ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئەمەلىيىتى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.