باش بەت>قەشقەر

شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يەكەن ناھىيەسىدە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 11:22:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياۋ جىبىڭ خەۋىرى: يېقىندا، شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش خىزمىتى كومىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇتەخەسسىس ئۆمىكىدىكىلەر يەكەن ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاممىۋى سەھىيەدە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان يېزىلىق شىپاخانا بەرپا قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مۇتەخەسسىس ئۆمىكىدىكىلەر 11 يېزىلىق شىپاخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش، ۋاكسىنا ئەملەش، تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، بايقالغان مەسىلىلەرگە قاراتمىلىق ھالدا يېتەكچىلىك قىلدى. باشقا ئاممىۋى سەھىيە، مۇلازىمەت خىزمىتىگە قارىتا تەكتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى؛ بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنى «ۋاكسىنىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا باشقۇرۇش» بويىچە تەربىيەلىدى.