باش بەت>قەشقەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى قەشقەردە تەكشۈرۈشتە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 11:23:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

پەن-تېخنىكا ئىدارىسى خەۋىرى: يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى خۇاڭ نىڭشېڭ قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇر مەركىزى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە داۋالاش پەن-تېخنىكىسى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوماندانلىق سۇپىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

خۇاڭ نىڭشېڭ قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلغۇچى ئالاقىدار ئورۇننىڭ زور نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر، تېخنىكلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇر مەركىزى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە داۋالاش پەن-تېخنىكىسى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوماندانلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئۇچۇر تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ، مۇتەخەسسىس، تېخنىكلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. خۇاڭ نىڭشېڭ قەشقەر گۇاڭدۇڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇچۇر مەركىزى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە داۋالاش پەن-تېخنىكىسى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوماندانلىق سۇپىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.