باش بەت>قەشقەر

شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونىنىڭ 20 مىگاۋاتلىق مەركەزلەشتۈرۈپ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش تۈرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە ماكانلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 11:09:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ دېجۈەن خەۋىرى: شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شېنجېن ئېنېرگىيە گۇرۇھى بىرلىشىپ قۇرىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن مەركەزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىپ 20 مىگاۋاتلىق توك تارقىتىش تۈرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە ماكانلاشتى، بۇ تۈرگە 2017-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، يىل ئاخىرىدا پۈتىدۇ ھەمدە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇيىل ۋە كېلەر يىلى بۇ تۈرگە 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن ئېرىشكەن پايدىنىڭ ھەممىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ھەر يىلى 5 مىليون يۈەندىن كەم بولمايدىكەن. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئاساسلىقى بۇ ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش فوندى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىغا تولۇقلىما تارقىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، كۆپ خىل نامراتلارنى يۆلەش شەكلى ئارقىلىق 3284 ئائىلىدىكى 13 مىڭ 86 دېھقان-چارۋىچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، بۇ تۈرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مۇددىتى 20 يىل ئىكەن.