باش بەت>قەشقەر

ئاققۇ ئۇسسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-27 11:45:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ـ شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بالېت تىياتىرى «ئاققۇ كۆلى» قەشقەردە ئورۇندالدى


    مۇخبىرىمىز خو رەن خەۋىرى: شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شاڭخەي بالېت ئۆمىكى تەييارلىغان «ئاققۇ كۆلى» بالېت تىياتىرىنى ئورۇنداشقا قاتناشقان 48 گۈزەل «ئاققۇ» تۇنجى قېتىم 5000 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گۈزەل شەھەر قەشقەرگە كېلىپ، 7- ئاينىڭ 24 -، 25 - كۈنلىرى كەچتە قەشقەر كىنو - تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

    شاڭخەي بالېت ئۆمىكى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سەنئەتكارلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارالىق سەنئەت سەۋىيەسى ۋە ئېلىمىزنىڭ دەۋر روھىغا ئىگە بولغان سەھنە ئەسىرى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، نەچچە ئەۋلاد بالېتچىلارنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا شاڭخەيگە خاس ئېسىل بەدىئىي سەنئەت ئۇسلۇبى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىگەن. بۇ قېتىم دۇنياۋى كىلاسسىك بالېت تىياتىرى «ئاققۇ كۆلى»نى قەشقەردە ئورۇنداپ، شاڭخەي بالېتىنىڭ گۈزەللىكى ۋە سېھرىي كۈچىنى قەشقەردىكى تاماشىبىنلارغا نامايان قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە 48 «ئاققۇ» سەھنىدە ئۆزىنىڭ ۋايىغا يەتكەن ماھارىتى بىلەن بالېت ئۇسسۇلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تاماشىبىنلارغا نامايان قىلدى. ئۈچ سائەت داۋاملاشقان تىياتىرنى كۆرگەن تاماشىبىنلار ئېسىل سەنئەت نومۇرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى مەنىۋى ئوزۇقتىن بەھرىلەندى.

    قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لو خاۋبو مۇنداق دېدى: ئويۇن قويۇش جەريانىدا ئارتىسلار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شاڭخەي بالېت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئاۋازسىز سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق، بارلىق تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈردى ۋە ئۆزىگە رام قىلدى. بۇ خىل مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شەكلى چېگرا رايون خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.








 (سۈرەتلەرنى مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ جىخېڭ، جاڭ خۇاۋېي، ئەنۋەرجان مەتنىياز تارتقان)