باش بەت>قەشقەر

ئابلەت تۇرسۇن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر سودىيە» شەرىپىگە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 11:02:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى يەنشيا خەۋىرى: يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يولداش ئابلەت تۇرسۇن قازا قىلغاندىن كېيىن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر سودىيە» شەرىپىنى بەردى.

    ئابلەت تۇرسۇن ھايات ۋاقتىدا يەكەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى چارەك بازارلىق خەلق سوتىنىڭ باشلىقى بولغان. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ بەختكە قارشى قازا قىلغان.

    ئابلەت تۇرسۇن ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىدە يىلتىز تارتىپ، سوتلاش خىزمىتىنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلغان. ئۇ ئاممىغا رىشتە باغلاپ، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈپ، دائىم دېلو ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئېتىز باشلىرىدا، يېزا-قىشلاقلاردا، يايلاقلاردا ئالدىراش يۈرۈپ، چۈشىنىشلىك، ئەمەلىي، ئىشەنچلىك ئۇسۇلدا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇن چۈشەنچىسى، ھەققانىي ھېسسىياتىنى دېلو بېجىرىش جەريانىدا ھەقىقىي تۈردە ئىپادىلەپ، ئەستايىدىل مۇرەسسە قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگەن. خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئابلەت تۇرسۇن ئاپتونوم رايون بويىچە سوت مەھكىمىسىدىكى مۇرەسسە ماھىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلامدىكى پەزىلەتلىك سوتچى بولۇپ باھالانغان، بىر قېتىم 2-دەرىجىلىك، بىر قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، دەپ ئەنگە ئالغان ھەمدە ئاپتونوم رايون بويىچە يولداش ئابلەت تۇرسۇندىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.