باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئاتلىنىش سىگنالى چېلىندى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 18:53:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭ خەۋىرى: جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈنلەي يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتكە ئىگە بولدى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئالاھىدىلىكى روشەن، فۇنكسىيەسى يۈرۈشلەشكەن، ماس تەرەققىي قىلىدىغان بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كەسىپ سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتى ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى ياڭراتتى.

    بۇ رايون پۇل مۇئامىلە سودا قۇرۇلۇشىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى: شاڭخەي پۇدوڭ تەرەققىيات بانكىسى، تيەنجىن بىڭخەي بانكىسى، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى ئارقا - ئارقىدىن قەشقەرگە ماكانلاشتى. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، ئىمپورت - ئېكىسپورت بانكىسىنىڭ قەشقەر شۆبىلىرى 2015 - يىلى 8 - ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى. شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېنتېرنېت تورى پۇل - مۇئامىلە كارخانىسى  شىنجاڭ «جىنشىن» ئېنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى جەلپ قىلىنىپ، تۇنجى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانا ۋېكسېل پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى قۇرۇلدى؛ شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سودا مەركىزى جەلپ قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ بازارغا كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ كارخانىلار قەرز چېكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى؛ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى قەرز ئېلىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

    2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا جەمئىي 1890 كارخانا رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ، «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (قەشقەر شەھىرى) توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سانائەت رايونىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات پىلانى (2014 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە)» ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدىكى «ئۈچ شەھەر، يەتتە رايون» نىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ كىيىم - كېچەك باش ئىشتاب بازىسىغا ۋېۋىسكا ئېسىلدى. بىڭتۈەن شۆبە رايونىدىكى ساۋخۇ كەسىپ رايونى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، 16 كارخانا ماكانلاشتى، ئۇلار يىمەك - ئېچمەك، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېڭى ماتېرىياللار، بىئو  تېببىي دورىلار قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

بۇ رايون شېنجىن - قەشقەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى ھەمدە دەرىجىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپ يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئۆستۈردى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپ رايونى ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلدى. جۇڭگو  ئوتتۇرا ئاسىيا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى  قەشقەر مەركىزى، چىڭخۇا «چىدى» (قەشقەر) پەن - تېخنىكا رايونى تۈرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

    بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ كۈچىيىپ، قەشقەر ئۇنۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تاموژنا پىچىتى بىلەن تىجارەت باشلىدى. «ھاۋا بوشلۇقى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، قەشقەردىن جېڭجۇ، چېڭدۇ، ئىسلامئاباد، شارجاھ قاتارلىق دۆلەت ئىچى، خەلقئاراغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلدى.