باش بەت>قەشقەر

شىنجاڭ ھەربىي رايونى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، 7893 توننا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-08 11:22:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جىن خۇا خەۋىرى: بۇ يىل شىنجاڭ ھەربىي رايونى قىسملىرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 69322-، 69048، 69065-قىسىملار جەمئىي 7893 توننا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇپ، پۈتكۈل ۋەزىپىنىڭ %49.33 ىنى تاماملىدى، 9-ئايدا بۇ يىلقى توشۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش پىلانلاندى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، سوغۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، قاتناش-تىرانسپورت شارائىتى ناچار، قىسمەن يىراق تاغلىق رايونلارغا ماددىي ئەشيالارنى توشۇشتا چارۋا مال، ئادەم كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا كېتەرلىك ماتېرىياللارنىڭ مىقدارى كۆپ، توشۇش ۋەزىپىسى ئېغىر. شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چەت، يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئۈچۈن ئۈدا بەش يىل «ئىككى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نىڭ 110 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ماتېرىيالىنى ھەقسىز توشۇپ بېرىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ 5150 يۈرۈش خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم قىلدى، 20 مىڭدىن ئارتۇق نامرات دېھقان-چارۋىچى بىخەتەر، كەڭ، يورۇق، ئازادە ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، «100 يىللىق ئەمىن ئۆي چۈشى» رېئاللىققا ئايلىنىپ، «ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق ئۆتۈش»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «11-ماي» يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ چېگرانى قوغداپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك «قوش ھىمايە قىلىش» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇش خىزمىتىنى باشلاش مۇراسىمى ۋە ماسلاشتۇرۇش يىغىنى چاقىردى، يىغىندا بۇ يىلقى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەر، ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلارغا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى.