باش بەت>قەشقەر

شاڭخەي شەھىرىنىڭ «تۆت پەسىلدىكى شاڭخەي-قەشقەر» ناملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى قەشقەرگە كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-16 11:34:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

(سۈرەتنى مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

مۇخبىرىمىز نۇربىيە ئىمىن خەۋىرى: شاڭخەي شەھىرىنىڭ «تۆت پەسىلدىكى شاڭخەي-قەشقەر» ناملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى قەشقەر شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىنىڭ تەييۈەن ناھىيەسىدىكى كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شاڭخەي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، شاڭخەي شەھەرلىك ھەمكارلىق-ئالماشتۇرۇش ئىشخانىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، تۆمۈر يول مەخسۇس پويىزىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قەشقەرنى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ بېكىتتى. بۇ، شاڭخەي بىلەن قەشقەرنىڭ مەخسۇس ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىپ چىقىرىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، شاڭخەي -شىنجاڭ خەلقىنىڭ باردى-كەلدىسى، ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىنىڭ يەنىمۇ قويۇقلىشىدىغانلىقى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش يېڭى يولىنىڭ ئېچىلغانلىقى، شۇنداقلا شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش-ئېچىش ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «تۆت پەسىلدىكى شاڭخەي-قەشقەر» ناملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى شاڭخەيدىن يولغا چىققان بولۇپ، 530 نەپەر ساياھەتچى يىپەك يولىنى بويلاپ شىنىڭ، دۈنخۇاڭ، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق تارىخىي مەشھۇر شەھەرلەردىن ئۆتۈپ، تەڭرىتېغىدىكى «مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە قۇملۇقتىكى بوستانلىق تۇرپان، تېمپېراتۇرىسى 70 سىلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يالقۇنتاغ ۋە ئارامبەخىش بۇيلۇق مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغاندىن سىرت، يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ساياھەت قىلىپ، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى تاماشا قىلىدىكەن.